|
شىنجاڭدىكى ئاخباراتچىلار باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ‹‹خەلق گېزىتى››دە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگەندى
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ 20 – ئىيۇن ‹‹خەلق گېزىتى››دە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، يېڭى دەۋردە ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاخباراتچىلىرىغا ناھايىتى زور ئىلھام بەردى. 27 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ‹‹20 – ئىيۇن››دىكى مۇھىم سۆزىنى ئۆگەندى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يولداشلار بەس – بەستە ‹‹بەش تەلەپ››كە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئاخباراتچىلاردىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر لياۋ يۈنجيەن ئالدى بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋ سۆزىدە يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، جامائەت پىكرى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە ئاساسىي تەلەپلەرنى شەرھلىدى. سۆزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە چوڭقۇر ۋە مۇپەسسەل بولۇپ، بۇ مۇھىم سۆز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ نەزەرىيەمۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىسىنىڭ سىستېمىلىق يەكۈنى، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىكى ھەر مىللەت ئاخباراتچىلىرى باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پارتىيىنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىش، ئىجتىمائىي توغرا كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلارنى يېتەكلەش جەھەتلەردىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىسىتانىسىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شى لىنجې مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋ جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە ‹‹بەش تەلەپ›› كە ئەمەل قىلىشنى تەكتىلەپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدىكىلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ، ئاخباراتچىلىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنىڭ نوپۇزى، ئىناۋىتى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىسىتانىسىسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، بىڭتۇەن گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى، شىنجاڭ شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۇ چيەن ئاخىرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاخباراتچىلار تونۇشنى ئۆستۈرۈشى، يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى؛ ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش››تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلىشى؛ ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىنى ئىگىلىشى؛ باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بەش تەلەپ›› نى ئەستە چىڭ ساقلىشى؛ ئۆگىنىشنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرماي، چىڭ تۇتۇشى؛ باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئاجىز ھالقىلىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.
|