|
بېيجىڭ ئو ت م غا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 27 – ئىيۇن يىغىن ئېچىپ، بېيجىڭ ئو ت م غا، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، بېيجىڭ ئو ت م غا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەتئىي قوللىشى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي ھەيئىتى بېيجىڭ شەھىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەركەزنىڭ بېيجىڭ ئو ت م غا، مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بېيجىڭ ئو ت م مەشئىلىنى دۆلەت سىرتىدا كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش غەلىبىلىك ئاياغلاشتى، دۆلەت ئىچىدىكى يەتكۈزۈش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؛ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدان، سارايلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى؛ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرلەردىكى تەييارلىق خىزمەتلەر ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىك – قوغداش، ئاخبارات تەشۋىقاتى، دىپلوماتىيە ئىشلىرى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەشىق قىلىشى قاتارلىق خىزمەتلەر تېخىمۇ كۈچەيتىلدى؛ مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىمۇ ماس قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ھازىر، بېيجىڭ ئو ت م غا تەييارلىق قىلىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىنىپ بولۇندى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر، بېيجىڭ ئو ت م غا بىر ئايدىن كۆپرەكلا ۋاقىت قالدى، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى، بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدىكى ئۇلۇغ روھنى بېيجىڭ ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بېيجىڭ ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلىشى كېرەك. خاسلىققا ئىگە، يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىمىزنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ زور قىزغىنلىق، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن بېيجىڭ ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، ھەر قايسى ئەل تەنھەرىكەتچىلىرىنى، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قوماندانلىقنىڭ توسالغۇسىز، خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەم ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇشى، ھەم ئۆز ئارا ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بېيجىڭ ئو ت م مەشئىلىنى دۆلەت ئىچىدە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا ياردەم بېرىش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ۋە ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش، ئو ت م نى قوللاشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئېچىلىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرلەردىكى مۇسابىقىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ خىزمىتى بىلەن ئولىمپىك خىزمىتىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ئوت م نىڭ بىخەتەرلىك، قوغداش خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، قوغداش بويىچە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، ئو ت م نى تىنچ – ئامان ئۆتكۈزۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئولىمپىك تەشۋىقات خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاخبارات – تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىپ، قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، خەلقئارا قائىدە بويىچە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى خەۋەر قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ئېلىمىز ماھىرلىرىنىڭ تەنھەرىكەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىككى ئولىمپىكنى ئوخشاشلا سەرخىل ئۆتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش پائالىيىتى ۋە مول، رەڭدار ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، داۋاملىق ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئولىمپىكقا ھۆسن قوشۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ساھىبخانىدىن بولۇش، ئېزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قائىدە – يوسۇنلۇق بولۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش، قائىدە – يوسۇنلۇق، ئىتتىپاق، دوستانە، قىزغىن، مېھماندوست بولۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، بېيجىڭ ئو ت م نى كۈتۈۋېلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بېيجىڭ ئو ت م نى كۈتۈۋېلىشتىكى قىزغىن كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.
|