|
مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىش بىر تۇتاش تېلېفونى ‹‹12388›› 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىمۇ ‹‹12388›› پاش قىلىش بىر تۇتاش تېلېفونى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت، قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نې گۇاڭيىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ پاش قىلىش تېلېفونى ئاممىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى،رەھبىرىي كادىرلار ۋە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا بولغان پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ ياكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا بولغان پىكىر، تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. بىز پاش قىلىش بىرتۇتاش تېلېفونىنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ۋە پۇختا ئىشلەپ، پاش قىلىش تېلېفونىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلىشىغا، 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇ پاش قىلىش بىر تۇتاش تېلېفونىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى لېنيىسىدە پاش قىلغۇچىلارغا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا ئادەم كۈچى ۋە ئاپتوماتىك يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامى قاتتىق بولۇپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان، پاش قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىپ، ئۆچ ئالىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ، پاش قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ. ئىمزالىق پاش قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ››.
ئىگىلىنىشىچە، 1988 – يىلىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پاش قىلىش مەخسۇس تېلېفونى ئارقىلىق ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن ۋە نۇرغۇن قىممەتلىك يىپ ئۇچىلىرىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاممىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئەستە قالدۇرۇشى ۋە ئىشلىتىشىگە قۇلايسىزلىق تۇغدۇرغان. ئەرزىيەت، پاش قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ،كەڭ ئاممىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قاتنىشىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى ‹‹12388›› پاش قىلىش بىر تۇتاش تېلېفونىنى ئاچقان.
|