باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
كۈرەش مەخسۇت: دۆلەت كارخانىلىرىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك، دېدى
2008- 06- 30 11:08 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقى ۋە ‹‹1 – ئىيۇل›› تەقدىرلەش يىغىنى 26 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   كۈرەش مەخسۇت ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سىستېمىسىدىكى كارخانىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تىجارەت نەتىجىسىنى باھالاشقا كىرگۈزگەن 15 كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى 12  مىليارد 325 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.27 ئاشتى؛ تىجارەت پايدىسى 1 مىليارد 171 مىليون يۈەن بولۇپ، 2006 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %36.29 ئاشتى؛ ساپ پايدىسى 697 مىليون يۈەن بولۇپ، 2006 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن%23.71 ئاشتى، ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتى%6.69 كە يەتتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كۈرەش مەخسۇت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى.

   ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى تەڭشەپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ‹‹تۆت ياخشى›› بەنزە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كارخانىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار تالانتىنى كۆرسىتىدىغان، قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان كارخانا مۇھىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ،  سىياسىي  – ئىدىيىۋى  خىزمەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ