|
ئو ت م نىڭ بېلىتىنى سېتىشنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى باسقۇچىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 4000 دىن كۆپرەك تەلەيلىك زاكازچى بېلەتكە ئېرىشتى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 17 تىجارەت نۇقتىسى بار ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولۇپ، بۇ تىجارەت نۇقتىلىرىدىن ئو ت م نىڭ بېلىتىنى ئېلىشقا بولىدىكەن. بېلەت ئېلىش 20 – ئىيۇندىن 24 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن. يازلىق ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ بېلىتىنى ئېلىش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدىكەن.
ئو ت م نىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ بېلىتىنى سېتىشتا ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىش تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، ئەگەر بېلەتكە ئېرىشكۈچى بېلىتىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، چوقۇم جۇڭگو بانكىسىنىڭ سېتىش تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك ئىكەن. جۇڭگو بانكىسى ئىلتىماسنى بېيجىڭ ئو ت م تەشكىللىي كومىتېتىغا تاپشۇرىدىكەن. بېيجىڭ ئو ت م تەشكىللىي كومىتېتى بۈنىڭغا ئاساسەن مۇئامىلىدارنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىدىكەن.
جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى شەخسىيلەر پۇل مۇئامىلە بۆلۈمىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى لى جۈن ئو ت م نىڭ بېلىتىنى ئالغان ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېتىۋالغان بېلەتنى چوقۇم ياخشى ساقلاش كېرەك، چۈنكى ئو ت م نىڭ بېلىتىنىڭ يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش رەسىمىيىتى بېجىرىلمەيدۇ، تولۇقلاپمۇ بېرىلمەيدۇ؛ بېلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزەك پىلاستىنكا بولغاچقا، بېلەتنى قايرىشقا بولمايدۇ. ئو ت م بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، بېيجىڭغا بېرىپ ئو ت م نى كۆرمەكچى بولغان كىشىلەر بالدۇر پىلانلىشى، ئايروپلان بېلىتى ۋە ياتاقنى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
|