|
جۇڭگونىڭ قايسى تەنھەرىكەتچىلىرى بېيجىڭ ئو ت م گە قاتنىشىدۇ؟ ليۇ شياڭ، ياۋ مىڭنىڭ قايسىسى بەكرەك داڭق چىقىرىدۇ؟ ئو ت م دە چېمپىيون بولغانلارنىڭ قايسىسى قاتاردىن قالىدۇ؟ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىشىغا 40 نەچچە كۈن قالغاندا، پات ئارىدا ئۆزىنى ئاشكارىلايدىغان جۇڭگو ئولىمپىك قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئو ت م دىكى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئولىمپىك قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى روشەنلىشىشكە باشلىدى. تۆت يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئافىنا ئو ت م گە قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدە 407 تەنھەرىكەتچى بولۇپ، ئۆتكەن ئو ت م گە سېلىشتۇرغاندا ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئۆمەك تەشكىللەنگەنىدى. ئەمدى بېيجىڭ ئو ت م دە بۇ سان يەنە يېڭىلىنىدۇ. جۇڭگودا ھازىرغا قەدەر 500 تەنھەرىكەتچى بېيجىڭ ئو ت م گە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. دۆلەت تەنھەرىكەت باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي دالىننىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئاخىرقى ھېسابتا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سانى 550 تىن 570 كىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، شۇنداقتا ئادەم سانى ۋە تۈرلەرنىڭ سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلىدۇ.
ئو ت م دە مېدال ئالالايدىغان ‹‹ئالتە چوڭ كوزىر كوماندا››نىڭ بىرى بولغان جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسى 17 – ئىيۇن بېيجىڭ ئو ت م گە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ كوماندا تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئەڭ بۇرۇن بېكىتكەن كوماندا بولۇپ قالدى، ئەرلەر – ئاياللار كوماندىسى پات ئارىدا شيامېن، جېڭدىڭغا بېرىپ يېپىق مەشىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقنى باشلايدۇ. تىكتاك توپ كوماندىسىدىن باشقا، يەنە جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى، جۇڭگو قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىلىرى كوماندىسى قاتارلىق ‹‹كوزىر كوماندا››لارمۇ دۆلەت ئىچىدە يېپىق مەشىقنى باشلايدۇ.
يەنە بىر قىسىم كوماندىلار ئەزالىرىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇسابىقە قىلىش ئارقىلىق مەشىقلەندۈرۈۋاتىدۇ. جاۋ رۈيرۈي، فېڭ كۇن قاتارلىق تەنھەرىكەتچىلەر بولغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 20 – ئىيۇندىن باشلاپ 2008 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. 2007 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تاللىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئۈچۈن بۇ قېتىم رەقىبلىرىنى چۈشىنىدىغان ئوبدان پۇرسەت بولدى. ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يېقىندىن بۇيان چەت ئەللىك باش ترېنېرى يۇناسنىڭ باشلامچىلىقىدا بەدەن قىزىتىش ھېسابىدا بىر قاتار مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا باشلىدى، مۇھىم ئەزالىرىدىن يى جيەنليەن، ۋاڭ جىجىلار ھازىر كوماندىغا قېتىلدى، پەقەت ياۋ مىڭلا قېتىلمىدى.
ئافىنا ئو ت م دە، ليۇ شياڭ بىلەن ياۋ مىڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەڭ جەلپكار چولپانلاردىن ئىدى. تۆت يىلدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ چولپانلىق ئورنىدا تەۋرىنىش بولمىدى، ئۇلارنىڭ داڭقى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى باشقا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولدى. زامانىمىزدىكى ئەڭ باي جۇڭگولۇق تەنھەرىكەت چولپىنى بولغان بۇ ئىككىيلەن يېقىندا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئىئانە توپلاشتا ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.
ليۇ شياڭ بېيجىڭ ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش داۋامىدا، ئازراق ئاۋارىچىلىككە يولۇقتى. ئۇنىڭ يوتىسى يارىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسابىقىدە ھە دېسىلا بالدۇر قوزغىلىۋېلىپ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى خەلقئارالىق مۇسابىقىدە نەتىجىسى ياخشى بولمىدى، ئۇ ساقلاپ كېلىۋاتقان رېكورتنى كۇبالىق روبېرىس يېڭىلىدى، بۇنىڭ بىلەن 110 مېتىرغا توساق ئاتلاپ يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ چېمپىيونى بىزنىڭ دەپ قارىغان جۇڭگولۇقلار دەككە – دۈككىگە چۈشتى. ئېگىز بوي ياۋ مىڭنىڭ ئاۋارىچىلىكى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى، ئۇ NBA نىڭ دائىمىي مۇسابىقىسىدە يەنە يارىلاندى، بۇ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالمىدى، ھازىرمۇ ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، يەنە 40 نەچچە كۈندىن كېيىن چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقان ليۇ شياڭ بىلەن ساقىيىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقان ياۋ مىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بېيجىڭ ئو ت م دە داۋاملىق كارامىتىنى كۆرسىتىپ، كوزىرلىق رولىنى نامايان قىلىدۇ.
ھازىر ليۇ شياڭ دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقنى باشلىۋەتتى، پىلان بويىچە ئۇ ئو ت م دىن بۇرۇن ھېچقانداق مۇسابىقىگە قاتناشمايدۇ.
ليۇ شياڭ بىلەن ياۋ مىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئولىمىپىك تەنھەرىكەت قوشۇنىدا تەنھەرىكەت ھاياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر بار. سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى گو جىڭجىڭ 4 – قېتىم ئو ت م گە قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ نىشانى چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش. تىكتاك توپ ماھىرى ۋاڭ خاۋ ئافىنا ئو ت م دە كورىيىلىك ليۇ چېڭمىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى، ھازىر ئۇ ئالتۇن مېدالغا قاراپ ئاتلاندى. دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىغان پەي توپ تەنھەرىكەتچىسى لىن دەن ئافىنا ئو ت م دە كەتكۈزۈپ قويغانىدى، بېيجىڭ ئو ت م ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت. بۇلاردىن باشقا، يەنە جۇ چىنەن، دۇ لى، چېن جۇڭ قاتارلىق ئافىنا ئو ت م دە چېمپىيون بولغان تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ئۈمىدلىك تەنھەرىكەتچىلەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
تەنھەرىكەت ساھەسىدە بەزىلەر خۇشال، بەزىلەر قايغۇرۇپ تۇرىدۇ. ناھايىتى كەسكىن تەنھەرىكەت مەيدانىدا غەلىبە قانچىلىك تېز كەلگەن بولسا، مەغلۇبىيەتمۇ شۇنچە تېز كېلىدۇ. ئو ت م دىكى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئافىنا ئو ت م دە چېمپىيون بولغان نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىمىز بېيجىڭ ئو ت م گە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|