باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 06- 30 10:39 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى قىسمەن تارماق، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان ۋە مىنىستىرلىك، كومىتېتلارغا قاراشلىق ئىدارىلەرنىڭ ‹‹ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئىچكى ئاپپاراتى ۋە خادىملار شتاتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە›› قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى.يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى:

    مەسئۇلىيەت، ئاپپارات ۋە شتاتنى بېكىتىش بەلگىلىمىسى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشىدىكى مەركىزىي ھالقا بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا يۈرگۈزۈپ، مۇلازىمەتچان، مەسئۇلىيەتچان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ۋە پاك ھۆكۈمەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   بۇ قېتىمقى ‹‹ئۈچنى بېكىتىش›› خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى: بىرىنچى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىشتەك بۇ يادرونى زىچ چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ۋاسىتىچى تەشكىلاتلىرىنى ئايرىش پرىنسىپى بويىچە باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان بەزى ئىشلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى. ئىككىنچى، بىر ئىشقا بىر تارماق مەسئۇل بولۇش پرىنسىپى بويىچە، تارماقلارنىڭ فۇنكسىيىلىك ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلدى، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ كۆپ تارماق بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلاردا باشلامچى تارماق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئاساسىي مەسئۇلىيەت بىلەن قوشۇمچە مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلدى، ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئۈچىنچى، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش پرىنسىپى بويىچە تارماقلارغا فۇنكسىيە يۈكلىنىش بىلەن بىللە، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھوقۇق بولغان ئىكەن مەسئۇلىيەت بولۇش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولغان دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەندى. تۆتىنچى، ئىخچام، بىرلىككە كەلگەن، ئۈنۈملۈك بولۇش پرىنسىپى بويىچە، خادىملار شتاتى ۋە رەھبەر سانى قاتتىق تىزگىنلەندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ