باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى
2008- 06- 30 10:36 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (17)

   مەبلەغ كۆپەيتىپ، پاي ئاشۇرۇش شەكلىدە شىنجاڭ دورىگەرلىك گۇرۇھىنى قايتا تەشكىللەپ، شىنجاڭ دورىگەرلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مىللىي تېبابەت دورىسى، ئالاھىدە دورىلارنى ياساش تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو دورىگەرلىك گۇرۇھى 26 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن شىنجاڭ دورىگەرلىك(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قايتا تەشكىللەش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

   جۇڭگو دورىگەرلىك گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ دورىگەرلىك(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قايتا تەشكىللىشى پەقەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ كارتىنىسىدۇر. بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش، شىنجاڭنى ئېچىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، شىنجاڭ يولغا قويۇۋاتقان بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىچە سانائەتلىشىش ئىستراتېگىيىسىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

بىر تۈركۈم كۈچلۈك كارخانىلار ئاپتونوم رايونىمىزغا ماكانلاشتى

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئەمەلىي كۈچكە، تەسىرگە ئىگە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ كەمچىل بولۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان.

   ئاپتونوم رايونىمىز 2005 – يىلى يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، جەلپكارلىقى كۈچلۈك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور كەسىپلەر ۋە ئەڭ ياخشى تۈر، ئەڭ ياخشى بايلىققا تايىنىپ، ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

   بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەمتىمىن فېردوسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھى، جۇڭگو ئاشلىق – ياغ گۇرۇھى، جۇڭگو ‹‹جوڭسەي›› گۇرۇھى، ‹‹باۋشەن›› پولات – تۆمۈر گۇرۇھى، جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو تۇزچىلىق باش شىركىتى، جۇڭگو سۇچىلىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى، جۇڭگو ‹‹خۇاروڭ›› مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى، سەنشى ‹‹لۇئەن›› كانچىلىق گۇرۇھى، شەندوڭ يەنجۇ كانچىلىق گۇرۇھى، گېجۇبا توسمىسى گۇرۇھى، جيېجياڭ ‹‹دۈنئەن›› گۇرۇھىدىن ئىبارەت 12 چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان كارخانىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىستراتېگىيىلىك قايتا تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا 16 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پاي ھوقۇقى خاراكتېرىدىكى مەبلەغ كىرگۈزگەن. بۇ چوڭ كارخانىلار يەنە ‹‹11 – بەش يىل››، ‹‹12 – بەش يىل››دا، شىنجاڭدا بىر تۈركۈم چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن، بۇ تۈرلەر كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ساھەسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، 200 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

بىر تۈركۈم قايتا تەشكىللەنگەن كارخانىلاردا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولدى

   ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى تايانچ چوڭ كارخانا. ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىدىكىلەر ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىنى تەڭشىشى ۋە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بازار رىقابىتى مۇھىتىغا قارىتا ‹‹2 – قېتىم ئىگىلىك تىكلەش›› شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، لېكىن مەبلەغ ۋە تېخنىكا كەمچىل بولغانلىقتىن، ‹‹2 – قېتىم ئىگىلىك تىكلەش›› يولىدا مېڭىشى ئىنتايىن تەسكە توختىدى. 2007 – يىلى 1 – ئايدا ‹‹باۋشەن›› پولات – تۆمۈر گۇرۇھى 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى كونترول قىلىپ قايتا تەشكىللىشى بىلەن، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل 2 – ئايدا 1 – نومۇرلۇق 2500 كۇب مېتىرلىق پولات ئايرىش دومنا پېچنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىركەت بۇ يىل 5 مىليون 300 مىڭ توننا پولات، 2010 – يىلىغا بارغاندا 10 مىليون توننا پولات ئىشلەپچىقىرىشنى مۆلچەرلىدى. ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى يەرلىك ئوتتۇراھال كارخانىدىن چوڭ تىپتىكى پولات – تۆمۈر كارخانىسىغا قاراپ يۈزلەندى.

   بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشتىن باشقا، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار ئېلىپ كەلگەن كۇرسلۇق مەھسۇلات ئۈنۈمىمۇ كارخانىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى. شىنجاڭ ‹‹چاڭيۈەن›› سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ئاپىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئىلگىرى كارخانىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن، بانكا قەرز بەرگەندە ئىشەنچ قىلالمىغان، كارخانىمۇ تېز تەرەققىي قىلالمىغان. جۇڭگو سۇچىلىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى ‹‹چاڭيۈەن›› گۇرۇھىنى قايتا تەشكىللىگەندىن كېيىن، جۇڭگو سۇچىلىق مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ يۆلەنچۈك بولغانلىقتىن، چوڭ سودا بانكىلىرى شىركەتكە تولۇق ئىشىنىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ كونترول قىلالايدىغان مۈلكى تېزدىن كۆپەيدى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، شىركەت مۈلكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، شىركەت تېخىمۇ ئۇلۇغ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى بىمالال تۈزەلەيدىغان ۋە يولغا قويالايدىغان بولدى، ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە يولغا قويۇشىنى سۇچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

   ھازىر چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىغا بولغان كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز سانائىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت 137 مىليارد 848 مىليون يۈەنگە، ئىقتىسادنىڭ %5.7 پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 1 – كەسىپ ۋە 3 – كەسىپنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتىدىن %36 پوئېنت ۋە %6.8 پوئېنت يۇقىرى بولغان. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ