|
ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇھىتى گۈزەل يېزا – بازار››لارنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى. سانجى شەھىرىنىڭ داشىچۈ بازىرى، ماناس ناھىيىسىنىڭ لوتۇيى بازىرى ۋە قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ‹‹مۇھىتى گۈزەل يېزا – بازار›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.
‹‹مۇھىتى گۈزەل يېزا – بازار›› بەرپا قىلىش يېزىلاردا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ماس ئىشقا ئاشۇرىدىغان، كىچىك شەھەر، بازارلارنىڭ مۇھىت قۇرۇلۇشى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدىغان، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر.
|