باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 80مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن
2008- 06- 30 10:32 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خۇي لياڭيۈ گوۋۇيۈەن، شۇنداقلا گوۋۇيۈەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىغا ۋاكالىتەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، شۇنداقلا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا دائىر خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلۈم – يېتىم ئەھۋالى ئېغىر بولدى. 23 – ئىيۇنغىچە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 69 مىڭ 181 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 374 مىڭ 171 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 18 مىڭ 498 كىشىنىڭ دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بېكىتىلدى. دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قازا قىلغانلار 80 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ