|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بۈگۈن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 14 – نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنىدا ئىككى ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادېمىكلىرىغا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم يېڭى ۋەزىيەتتە پەن – تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.
|