|
ئاپتونوم رايونىمىز پەمىدۇرلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى ياۋروپاغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ پەمىدۇر مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە ئازلاپ، دۇنيادا پەمىدۇر قىيامى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . دۇنيادا پەمىدۇر خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشنىڭ جىددى بولۇشىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىز پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ چوڭ ئورالمىلىقلىرىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئېكىسپورت باھاسى بۇ ئايدا مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 1 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 30 پىرسەنت ئۆرلىدى. بۇلتۇر ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 650 ئامېرىكا دوللىرى ئېدى.
|