باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 06- 27 12:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    .7–ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن ئۈرۈمچى –ئالمۇتا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ھەر ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى ئايرۇپىلان كۆپەيتىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئالمۇتا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ھەر ھەپتىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلان تۆتتىن بەشكە كۆپىيىدۇ. 

    ·مۇشۇ ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى كەسپى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبىكىتلىرىنىڭ ياردەم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. شەھەر، بازارلاردا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلارنىڭ ھەر بىرسىگە ھەر ئايدا 15 يۈەن، يېزىلاردا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلارنىڭ ھەربىر بىرسىگە ھەر ئايدا 10 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدىكەن.

    .بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدىكى تۆت چىگرا ئېغىزىنىڭ ئىمپورت– ئېكىسپورت سودا سوممىسى 2 مىليارد 177 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 175 پىرسەنت ئاشتى. بۇ يىل 1– ئايدىن 5 – ئايغىچە، جەنۇبى شىنجاڭدىكى جۇڭگو - پاكىستان چىگرىسىغا جايلاشقان قونجىراپ چىگرا ئېغىزى، جۇڭگو – قىرغىزىستان چىگرىسىغا جايلاشقان تورغات چىگرا ئېغىزى، ئېركەشتام چىگرا ئېغىزى ۋە جۇڭگو – تاجىكىستان چىگرىسىغا جايلاشقان قاراسۇ چىگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلغان مال  395 مىڭ 900 توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت قىلىنغان مال  358 مىڭ 900 توننىغا يەتتى. كىيىم – كېچەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە بويۇملىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چىگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت تاۋارلىرى بولۇپ قالدى.

    .ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەندىن كىيىن، تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 8 مو 6 پۇڭ 3.4 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، 2008 - يىلىدىن بۇيانقى 48 - يېڭى، يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 8 مو 6 پۇڭ 3.4 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 5 پۇڭ 4 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 3 مو 5 پۇڭ 7 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 7 پۇڭ9 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 5 مو 4 پۇڭ 4 لىغا ئايرىۋاشلاندى.

    .سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 25 – كۈنى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 – ئايغا قەدەر، مەملىكىتىمىزدە تېلىفون ئابونىچىلىرى 950 مىليوندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يان تېلىفون ئابونىچىلىرى 592 مىليون، مۇقىم تېلىفون ئابونىچىلىرى 358 مىليونغا يەتكەن. ھەق ئېلىش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللار نىڭ سەۋەپىدە، بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە يان تېلىفون ئابونىچىلىرىنىڭ سانىدا ئۇدا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ئالدىنقى بەش ئايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يان تېلىفون ئابونىچىلىرىنىڭ سانى 44 مىليون 844 مىڭ بولۇپ، ئېيىغا 9 مىليوندىن ئېشىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقىم تېلىفون ئابونىچىلىرىنىڭ سانى سىجىل ئازايغان. ئالدىنقى بەش ئايدا مۇقىم تېلىفون ئابونىچىلىرىدىن 6 مىليون 548 مىڭى ئازىيىپ، ئېيىغا 1 مىليون 300 مىڭدىن توغرا كەلگەن.

     .جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلغان ئىككىنچى پەسىللىك كارخانىچىلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ قىزىپ كېتىش كۆرسەتكۈچى ئۇدا تۆۋەنلەپ، ماكرولۇق تەڭشەپ كونتىرول قىلىشنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجى كۆرۈلگەن.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ