باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 06- 27 12:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ·ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 26 – ئىيۇن چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانىنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە  ئامېرىكا چاۋشيەننى ‹‹تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازانى توختىتىدۇ دەپ جاكارلىدى. بۇش يەنە ‹‹چاۋشيەن تەكشۈرۈشكە بولىدىغان شەكىل ئارقىلىق يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشى كېرەك›› ، دەپ تەكىتلىدى.

     ·ھىندىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى كىتانبارام 26 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹ھىندىستاندا كۆرۈلگەن يۇقىرى پۇل پاخاللىقى يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنىڭ تەسىرىدە، ھىندىستاننىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، %9تىن يۇقىرى ئېشىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تەسكە توختايدۇ›› .  

     ·روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن موسكۋادا ئېچىلغان دۆلەتلىك چېگرا كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹‹چېگرا خىزمىتى تارماقلىرىدىكى چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش كېرەك›› .

     ·نىپال ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى كويرالا 26 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن نىپال ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     ·ياپونىيىنىڭ دېپلۇماتىيە ۋەزىرى گاۋسۈن جىڭيەن بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ دېپلۇماتىيە ۋەزىرى مېرباند 26 – ئىيۇن ‹‹ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىسىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قاراش تولىمۇ مۇھىم››، دېدى.

     ·ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى  تۈزۈتۈش ئارقىلىق 26 – ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مىقدارلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇ يىل 1– پەسىلدە يىللىق ئېشىش نىسبىتى بويىچە ھىساپلىغاندا %1 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئىلگىرى مۆلچەرلەنگەن %0.9تىن شۇنداقلا بۇلتۇر 4- پەسىلدىكى %0.6لىك ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان.

     · ئالجىرىيە دۆلەت زەھەر چەكلەش مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى سايا يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 2007– يىلى ئالجىرىيە زەھەر كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مىڭ 933 زەھەر ئەتكەسچىسىنى قولغا ئالدى، دېدى.

    ·چاۋشيەن ساقلىقنى–ساقلاش ۋازارىتىنىڭ ئەمەلدارى تۈنۈگۈن ئىچكى كابېنتنىڭ ئورگان گېزىتى‹‹دېموكراتىك چاۋشيەن گېزىتى›› دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ۋە خەلقئارا ئورگانلار بىلەن زەھەر چەكلەش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ زەھەرنى كونترول قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

     ·ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىسكىلات ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمىسى 26 – ئىيۇن دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەنگىلىيىدىن 50 يىلدىن ئارتۇق ئورۇنلاشتۇرغان يادرو قورالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

     ·كورىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى 26 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىش تازىلىق شارائىت دوكلاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشتىكى ئاخىرقى بىر تۈرلۈك مەمۇرى قەدەم باسقۇچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملاندى.

     ·خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لېدىرى كوئىن يېقىندا مېكسىكىنىڭ كانكۇندا مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىنىڭ بىرى مېكسىكا نېفىت شىركىتىدە ھازىر بار بولغان نېفىت زاپىسىنى ئاران 9 يىل قېزىشقا يىتىدۇ، نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى 5 يىل ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

     ·ھىندىستان يادرو سانائىتىنىڭ ھەممىدىن خەۋەردەر ئەرباپى روسىيە ئاگېنتلىقىغا مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: روسىيە ھىندىستاننىڭ كۇدامكۇرام يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق گېنىراتور گۇرۇپپسىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

     ·نېپالدا چىقىدىغان‹‹كاتماندۇ پوچتا گېزىتى›› نىڭ 26 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 3–ئايدىن بۇيان، 1 مىڭ 200 بۇتانلىق مۇساپىر 3– دۆلەتتە قايتا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن نېپالدىن ئايرىلغان.

     ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايىۋنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىدىن خەۋەردار ئەرباپنىڭ ئاشكارلىشىچە، قازاقىستان زۇڭتۇڭى بىر پارتىيە تۈزۈمىدىكى پارلامېنتنى بىكار قىلىپ، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدىكى پارلامېنت تەسىس قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى، بۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش- كىرگۈزۈشى، كېلەر يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.

     ·پولات ماتىرياللىرى قاتارلىق خام ئەشيا ماتىرياللىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەچكە، ياپونىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار دۆلەت ئىچىدىكى بازارلاردا مەھسۇلات باھاسىنى تەڭشەشنى پىلانلىدى. 

     ·گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئورماندا يېقىندا زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، قويۇق ئىس- تۈتەك ئافىنا ئاسمىنىنى قاپلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە توك توختاپ قالدى.

     ·تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 26 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە كورت ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق خادىملىرى شۇ كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي–جەنۇبىدىكى دىيابەكرى ئۆلكىسىدە تۈركىيە ئارمىيىسى چۈشكەن 4 پۇقرالار ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىپ 5 كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە ياىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

     ·ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ 26 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈن، پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى گازا رايونىدىن ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونىغا قارىتىپ، راكىتا قويۇپ بەردى. ئەمما ئۆلۈم– يىتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى››.  

     ·ئىراق ساقچى دائىرىلىرى 26 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈن، ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان موسسۇل شەھىرىدە ئاپتوموبىلبومبا پارتلاپ  18 ئادەم ئۆلدى، 62 ئادەم يارىلاندى›› . 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ