باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 06- 27 12:07 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ·دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن، مۇڭغۇلىيە، سەئۇدىكى ئەرەبىستانى، قاتار، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ 26 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

     ·مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىڭ ۋەنتۇڭ 26 – ئىيۇن بېيجىڭدا، دەي خۇڭدا ئۆمەك باشچىلىقىدىكى فىلىپىننىڭ فىلىپپىن - جۇڭگو ھەر قايسى ساھەلەر بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

      ·پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جاۋگو 26 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ سىچۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا قاراپ يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا قاراپ يولغا چىققان ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىدىكىلەرگە "يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇرت- ماكاننى قايتا قۇرۇش"تىكى ئاۋانگارت ئىشچىلار ئۈلگىسى بايرىقى تارقىتىپ بەردى ھەمدە سۆز قىلدى.

    ·پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ مۇشۇ ئاينىڭ 25–، 26–كۈنلىرى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى مىيەنياڭ، دېياڭ، چىڭدۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى كادىر، ئاممىنى يوقلىدى ھەمدە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كۆچۈردى.

     ·ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىۋاتقان گىرىتسىيە زۇڭتۇڭى پاپرىئاس تۈنۈگۈن شاڭخەيدە زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹گىرىتسىيە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن ناھايىتى خوشال. مەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئولىمپىك تارىخىدىكى بىر ئابىدە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ››.  

    ·مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە: مەبلەغنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي– ئەشيالىرىنى نازارەت قىلىش– باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

     ·دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ 26 – ئىيۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رايىسنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 29–كۈنىدىن 30–كۈنىگىچە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

      2005–يىلى 4– ئايدا، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭى يەنىمۇ كۈچىيىپ، زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ، يېڭىدىن زەھەر چېكىدىغانلار سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە: مەملىكەت بويىچە خىروئىن ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان زەھەر چەككۈچىلەر كۆپ كۆرۈلۈش مەزگىلىدە، ھەر يىلى تەخمىنەن %30 ئۆرلەشتىن 2006– يىلى %5.8 ئۆرلەشكە تۆۋەنلىگەن. زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە 35 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 1998– يىلىدىكى %85 تىن 2007– يىلىدىكى %62 كە تۆۋەنلىگەن.

     ·جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 25– كۈنى سائەت 12 دىن تۈنۈگۈن سائەت 12 گىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋېنچۈەندىكى ئاساسىي يەر تەۋرەش رايونىدا 205 قېتىم  3.9 بالدىن تۆۋەن قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكى، 4 بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرىمىگەنلىكى ئېنىقلانغان. ئاساسىي يەر تەۋرەش رايونىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق جەمئىي 14 مىڭ 184 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

     ·مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ خېپىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى تېزدىن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىگە مەلۇم قىلىشنى ئېيتتى. يەر تەۋرەش ئاپىتىدە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ ۋارىسلىرىدىن 12 كىشى قازا قىلغان، 105 كىشى يارىلانغان.

     ·داڭلىق جۇڭگوچە رەسىم سىزىش ئۇستىسى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى رەسساملار يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ چىڭجې سىزغان 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى  يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەزمۇن قىلىنغان‹‹2008. جۇڭگو ۋېنچۈەن ›› ناملىق رەسىم يېقىندا بېيجىڭدا كۆرگەزمە قىلىندى. كەڭلىكى 2 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 120 مېتىر بولغان بۇ ھەيۋەتلىك رەسىمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن چاغدىكى ھايات- ماماتلىق كۆرىشى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ