|

11– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنى 26 – ئىيۇن تۈرلۈك كۈن تەرتىپلىرىنى تاماملاپ، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى . يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىچۈەن ۋېنچۈەن ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش شۇنداقلا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2008– يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھىسى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان ‹‹مىيىپلارنىڭ ئىنسانىي ھوقوقى ئەھدىنامىسى››،‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاققىچە قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئەھدىنامىسى››، ‹‹جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقىغا دائىر ئەھدىنامىسى››، ‹‹جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى›› قاتارلىق 4 تۈرلۈك قارار ماقۇللاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا قاتناشتى.
|