باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار تەشكىللىگەن داۋالاش ئەترىتى ناھىيەلەردىكى داۋالاش ئورۇنلىرىغا بىر يىل ياردەم بېرىدۇ
2008- 06- 27 11:55 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       26 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونىمىز چاقىرغان شەھەرلەردىكى داۋالاش خادىملىرىنى يېزىلارنىڭ سەھىيە خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە ، بۇ يىل 7 – ئايدىن باشلاپ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېسىتېتى قارمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا قاتارلىق دوختۇرخانىلار 44 داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 44 ناھىيە دەرىجىلىك خەلق دوختۇرخانىسى، جۇڭگو تىبابىتى ، مىللىي تىبابەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەۋەتىپ ، خىزمەت قىلدۇرىدىكەن ، ياردەمگە بارغان خادىملارنىڭ خىزمەت مۇددىتى بىر يىل بولىدىكەن .

    ئىگىلىنىشچە ، 1997–يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز‹‹دۆلەتنىڭ يېزىلاردا سەييارە داۋالاش ئاپتوموبىللىرى››، ‹‹تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يېڭى توغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتما كېسەللىكىنى يوقىتىش››، ‹‹ 10 مىڭ دوختۇر يېزىلارنىڭ سەھىيە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش›› قاتارلىق تۈرلەرنى تۈرتكە قىلىپ ، ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇزۇش بىلەن سەييارە داۋالاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلەردىكى داۋالاش خادىملىرىنى يېزىغا بېرىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ، يېزىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرگەن . ھازىرغىچە ، تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن 713 داۋالاش ئەترىتى 2 مىليون 60 مىڭ ئادەم( قېتىم )كېسەل داۋالىغان ھەمدە ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش خادىملىرىدىن 58 مىڭ ئادەم(قېتىم )نى تەربىيىلەپ ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەرگەن .  

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ