|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەييارلىق سىنىپلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپ خىراجىتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بۇ رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە كاپالەتلىك قىلدى.
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى دەۋر تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش، تېزراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 2006– يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونمىز تەۋەسىدىكى ئىلى ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى مىللىي مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپىدىكى بالىلارنىڭ يېمەكلىكى، ھەقسىز ئوقۇشلۇقى، تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردىكى كۈيتۈن شەھىرىدىن باشقا ناھىيە (شەھەر) لەردىكى 32 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت بالىلىرى ۋە تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىۋاتقان 800 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش ھەققى تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئۈچۈن 228 يۈەن بېرىشنى يولغا قويدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئەسلىدىكى 400 يۈەندىن 800 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ھەقسىز ئوقۇشلۇق ئۈچۈن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 20 يۈەن، بالىلارنىڭ تامىقى ئۈچۈن كۈنىگە بىر يۈەندىن بىر يېرىم يۈەنگىچە تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش بەلگىلەندى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن ئاجرىتىلغان 15 مىليون 496 مىڭ 600 يۈەن مەبلەغ نەقلىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى .
|