باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى بىر تۈركۈم زەھەرنى كۆيدۈردى
2008- 06- 27 11:49 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى 26 – ئىيۇن بىر تۈركۈم زەھەرنى كۆيدۈردى.

    خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنى خاتىرلەش، خەلق ئاممىسىنى تەربىيلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ زەھەر چەكلەشتىكى تەۋرەنمەس مەيدانى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، ئومومىي خەلقنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى 2007 – يىلى 6 – ئايدىن بۇ يىل 6 – ئايغىچە قولغا چۈشۈرگەن زەھەرنى  26 – ئىيۇن كۆيدۈردى. بۇ قېتىم كۆيدۈرۈلگەن زەھەرنىڭ مىقدارى 5 مىڭ 654 كىلوگرام بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىرويىن 96.79 كىلوگرام، نەشە 5مىڭ 527 كىلوگرام، مۇزسىمان زەھەر 8.33 گىلوگرام، باشقا تۈردىكى زەھەر 1.7 كىلوگرامغا يەتتى.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسى بۇ قېتىمقى زەھەرنى مەركەزلەشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش جەريانىنى تولۇق نازارەت قىلدى.

   

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ