باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
جايلار خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك تەشۋىقات، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇردى
2008- 06- 27 11:45 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    26  – ئىيۇن دۇنيا زەھەر چەكلەش كۈنى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى ھەر قايسى جايلار تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى .

      ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، زەھەر چەكلەش ئورنى، تەشۋىقات، قانۇنچىلىق تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار كوچىلارغا چىقىپ، تەشۋىقات ماتىرىياللىرى ۋە سۆرەتلىرىنى تارقىتىش، زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ئاسما رەسىملىرى ۋە زەھەر چەكلەش تەشۋىقات تاختىسىنى كۆرگەزمە قىلىش، زەھەر چەكلەش مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىغا زەھەرنىڭ خەۋىپى ۋە زەھەرنىڭ زىيىنىدىن قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بۇلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. تەشۋىقات پائالىيىتى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹بۇ سۆرەتلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق، زەھەرنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زېيىنىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن  پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەپ، زەھەر بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈركەن››.

     سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق، شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى، زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى شۇنداقلا ھەر قايسى مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرى بىرلىكتە ‹‹ قانۇنغا تايىنىپ زەھەر چەكلەش، ئىناقلىق بەرپا قىلىش››ئاساسىي تېما قىلىنغان زەھەر چەكلەش تەشۋىقات تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سانجى شەھەر ئاھالىسىگە ئالاقىدار قانۇن– قائىدىلەر، زەھەرنى قانداق پەرىقلەندۈرۈش، زەھەردىن قانداق ساقلىنىش ۋە زەھەر چەكلەش كۆرىشىگە قاتنىشىش قاتارلىق زۆرۈر ساۋاتلاردىن چۈشەنچە بەردى. سانجى شەھەرلىك چەتئەل تىلى مەكتىپى يەنە ‹‹زەھەردىن يىراق تۇرۇش›› مىڭ كىشى ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئويۇشتۇردى. جۇ مىڭيۈەن ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹ بۈگۈن بىز بۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ ئىمزايىمىزنى قويدۇق. دېمەك، ئۆزىمىزنىڭ قەسىمىنى يازدۇق دېسەكمۇ بۇلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز زەھەردىن يىراق تۇرۇشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك››.

      قۇمۇل ۋىلايىتى ‹‹زەھەردىن يىراق تۇرۇش، قۇياش نۇرىدىن بەھرىمەن بولۇش›› ئاساسىي تېما قىلىنغان تەشۋىقات پائالىيىتى ئويۇشتۇردى. قۇمۇل شەھەرلىك زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى بىلەن قۇمۇل كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار شۇنداقلا مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلىرى زەھەردىن يىراق تۇرۇش ۋەدىسى بويىچە ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە ئاممىغا زەھەردىن، ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇش تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتتى. شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى:‹‹ زەھەر چەكلەش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ئاتا- ئانا ۋە باشقا ھامىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە زەھەرنىڭ زىيىنى توغرىسىدا كۆپرەك تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاساس يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.

  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ