|
ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى 26 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى 20 ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 50 مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە 30 مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمىتى خادىمى تەقدىرلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
كۈرەش مەخسۇت ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇنىڭىدىن كىيىن دۆلەت كارخانىلىرى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تۈزۈلمىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ زامانىۋى كارخانىنىڭ تەلىپىگە ماس كىلىدىغان ئادەم تاللاش يېڭى مىخانىزىمىنى تېزلىكتە ئورنۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كارخانىنى روناق تاپقۇزۇش ئىستىراتېگىيىسىنى ئەمەلىلەشتۈرۈشى كېرەك؛ سىياسىي، ئىدىيىۋى خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، كارخانىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشچى– خىزمەتچىلەرنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.
ئىگىلىنىشچە، 2007-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تىجارەت نەتىجىسنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن 15 كارخانىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش كىرىمى 12 مىليارد 325 مىليون يۈەنگە يىتىپ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.27 ئاشقان.
|