باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
2008- 06- 27 11:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

   

  26 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش– قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلدى. نيې ۋېيگو، خۇا شىفېي، لى شىنگۇاڭ، جەي شياۋخېڭ، ليۇ جيەنشىن، شۆھرەت زاكىر، يۈ شيۇدۇڭ، ۋاڭ جىلياڭ، سۇڭ جىگو، سۇڭ جيەنيې، قانىبات سابېقاي، لۇ شياۋفېڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ، ليۇ شياڭسۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش –قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 6– نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.  

      نيې ۋېيگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش– قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا، خۇا شىفېي مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

    

     نيې ۋېيگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش– قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋەكالىتەن سۆز قىلدى.

     نيې ۋېيگو مۇنداق دېدى: ھازىردىن باشلاپ، 6 – نۆۋەتلىك بىڭتۈەن پارتكومى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، بىڭتۈەندىكى 230 مىڭ پارتىيە ئەزاسى ۋە 2 مىليون 580 مىڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ سېنىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەر بىر ئەزا بولۇپمۇ دائىمىي ئەزالار بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنگەنلىكى، دەۋر تەمىنلىگەن پۇرسەت ۋە سەھنە ھەمدە بىڭتۈەندىكى يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، پۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، بىجانىدىل، تىرىشىپ ئىشلەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەندىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى كېرەك.

      نيې ۋېيگو مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ئومۇمىيلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، ھەرىكەتتە،  خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى ۋە ئومۇمىيلىق قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون خىزمىتى ئومۇمىيلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى، بايرىقى رۇشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە كۆپلەپ ياخشى ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك. نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇشتەك خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

      نيې ۋېيگو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىڭتۈەن ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى، كۆيۈنۈشى ئارقىسىدا، بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماي، زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلەپ تىكلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بىڭتۈەن 6 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىشى كېرەك.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ