|
شىنخۇا تورى مانىلا 26 – ئىيۇن تېلېگراممسى : فىلىپپىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، 26 – ئىيۇن كەچكىچە ، تەيفېڭ بورىنى فىلىپپىندىكى 622 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان . 945 ئادەم يوقاپ كەتكەن .
ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە ، تەيفېڭ بورىنى مۇشۇ ئاينىڭ 20 – كۈنى فىلىپپىندا قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ ، ھازىرغىچە 2 مىليون 400 مىڭ ئادەم بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 180مىڭ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن . بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليار 500 مىليون پېسو (تەخمىنەن 100 مىليون 240 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) غا يەتكەن .
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 22– ئىيۇن يۈز بەرگەن پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 124 ئادەم قازا قىلغان ، 600 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېچقانداق ئىز – دېرىكى بولمىغان.
|