|

مارالبېشى ناھىيىسى ئاۋات بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەت قادىر ئۆزىنىڭ داپقا سىزغان رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلماقتا . ئىگىلىنىشچە ، ئۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ئەكس ئەتكەن كۆرۈنۈشلەرنى ۋە گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى داپ ۋە قاپاقلارنىڭ يۈزىگە سىزىپ ، كىشىلەرگە ئالاھىدە زوق ئاتا قىلغان . نۆۋەتتە ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ ، قەشقەردىكى ھەرقايسى ساياھەت شىركەتلىرى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بازىرى ئىتتىك بۇيۇمغا ئايلانغان .
ئىگىلىنىشىچە ، مۇھەممەت قادىر ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ، رەسىم سىزىشقا ھەۋەس قىلىدىغان ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 15 ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەپ ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رەسىم سىزىپ ، ئۇلارنىڭ رەسىم سىزىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەرگەن .


|