|
تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش ئېلىمىز ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتىنى سالماق ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى. ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئەنگلىيىدە دۆلەتنىڭ ئىمتىھان ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، فرانسىيىدە يېقىنقى بىرقانچە يىلدا دۆلەت دەرىجىلىك بىرلىككە كەلگەن، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى ۋە سوئال چىقىرىش جەھەتتە چەت ئەللەرنىڭ ئىمتىھان سوئالىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسىي بىلىمىنى سىناش، ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. ئەنگلىيىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك دەرسلەردىكى نەتىجىسىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى باشقا ئىمتىھانلاردىكى ئومۇمىي نەتىجىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنىۋېرسال باھا بېرىشكە قاتنىشىشى تەكىتلىنىدۇ؛ فرانسىيىدە مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئىمتىھان نەتىجىسىنى باھالاش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئادەتتىكى ئىپادىسىگە بېرىلگەن نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بېكىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى تىزىملىكى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى خاتىرىلىنىدۇ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئىمتىھان نەتىجىسىنى باھالاش كومىتېتى شۇنىڭغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى بېكىتىدۇ. بۇ تەدبىرلەر بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقىي سەۋىيىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا ئەتراپلىق باھا بەرگىلى بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پائال يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەنگلىيىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، تۆت ئاساسىي ئوقۇش باسقۇچىغا قارىتا تۆت خىل ياش باسقۇچىدىكىلەرگە ماسلاشقان ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى تەسىس قىلىنغان. ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنىڭ سۈپىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشى باھا بېرىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىمتىھان سىياسىتىنى بېكىتىش ۋە ئىمتىھان ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىنى ماكرو جەھەتتىن باشقۇرۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى ۋە سەۋىيىسىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى قېلىپلاشتۇرغان.
‹‹جۇڭگو مائارىپ گېزىتى››دىن
|