باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تېلېۋىزورنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە
2008- 06- 26 16:21 شىنجاڭ گېزىتى

ئەكبەرئەيسا

   بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بىر تونۇشۇمنىڭ بالىسى بىلەن قىشلىق تەتىلدە ئۇنىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈشىدىكى تەجرىبىلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدىم. شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئىگىلىشىمچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ نەتىجىسى سىنىپتا ئوتتۇراھال  سەۋىيىدە تۇراتتىكەن، بۇنىڭغا ئاتا – ئانىسىمۇ رازى ئىكەنتۇق، لېكىن مۇئەللىمى ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن كېيىن ئۇنى نومۇرۇڭ تۆۋەن، بۇ سەۋىيىدە ماڭساڭ، مەخسۇس كۇرسقا ئاران ئۆتەلەيسەن، دەپ ئاگاھلاندۇراتتىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولغاچقا، بالىسىنىڭ ئۆگىنىشتە ئەركىنرەك بولۇشىغا يول قويىدىكەن، ئىمتىھان نەتىجىسىگىلا ئېسىلىۋالمايدىكەن، تېلېۋىزوردا پەن – تېخنىكا، مائارىپ، تارىخ، جۇغراپىيە، مۇھىتقا ئائىت پروگراممىلار ۋە مەملىكەت، خەلقئارا خەۋەرلەر بېرىلگەندە ئۇنىڭ ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا مۇۋاپىق كۆرۈشىگە يول قويىدىكەن، ئۇ بۇ پروگراممىلارنى دەم ئېلىش ئورنىدا كۆرىدىكەن. ئۇلار بالىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى يۇقىرىقى پروگراممىلارنى ئىزچىل كۆرۈش جەريانىدا ئۇنىڭدا ئۇنىۋېرسال ساپانىڭ يېتىلگەنلىكى، دەپ قارايدىكەن.

   ھازىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇنىۋېرسال ساپاغا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىشى ناتايىن، چۈنكى بەزى سوئاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى سىنىلىدۇ. پەن –  تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يىراق، چەت يېزا – كەنتلەرگىچە تېلېۋىزور سىگنالى يەتكۈزۈلدى، شۇڭا ھازىر يېزا – قىشلاقلاردىكى بالىلارمۇ تېلېۋىزورنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش شارائىتىغا ئىگە.

   كۈندىن – كۈنگە جانلىنىۋاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ساپا مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلىدە تاپشۇرۇق ئىشلەش، دەرس تەكرار قىلىشىغىلا يول قويۇپ، ئۇلارنى تېلېۋىزور كۆرۈشتىن چەكلەيدۇ، تېلېۋىزور كۆرۈشنى ۋاقىت ئىسراپ قىلىش، دەپ قارايدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش. لېكىن بالىلار تېلېۋىزور پروگراممىلىرىغا مەستانە بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلسا، تېلېۋىزوردەك جانلىق مائارىپ كۆزنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ