باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
كەسپىي مەكتەپلەر قانداق قىلغاندا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدۇ
2008- 06- 26 16:19 شىنجاڭ گېزىتى

ئابدۇغېنى ئابدۇقادىر

   كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلەپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەربىيىلەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىش كەسپىي مەكتەپلەرنى جەمىئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچتۇر. كەسپىي مەكتەپلەر رايون ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، ياخشى ئەخلاقىي ساپا ھازىرلىغان، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىشى؛ شۇنىڭدەك ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بازارلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا مەكتەپنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەل ئوقۇتۇش مۇلازىمەت قوشۇنى قۇرۇپ، كۈندىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمال، ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   دەرسلىك قۇرۇلۇشى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. كەسپىي مەكتەپلەر رايون تەۋەسىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن دەرسلىك پىلانى تۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا دەرسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا يېتەكلەشنى ئاساس قىلغان تەربىيىلەش شەكلىنى كۈچەپ يولغا قويۇشى كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەر دەرسلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى ئادەتتىكى مائارىپ بىلەن كەسپىي مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئادەتتىكى مائارىپ بىلەن كەسپىي مائارىپ بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيىلەش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە كەسپلىشىش تەلىپىگە ماسلىشىشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، يەنە ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا ئادەتتىكى مائارىپ ئېڭىنى سىڭدۈرۈشى كېرەك.

   كۆلەملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش بىلەن سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى كەسپىي مەكتەپلەرنى ئىلمىي تەرەققىيات يولىغا سېلىشتىكى مۇھىم مەسىلە. ھازىر بەزى كەسپىي مەكتەپلەردە دەل مۇشۇ مەسىلىدە زىددىيەت كۆرۈلدى. بىر تەرەپتىن، ئوقۇتۇش خىراجىتى يېتىشمىگەچكە، مەكتەپلەر تۈرلۈك ئامال – چارىلەر ئارقىلىق كۆلەمنى كېڭەيتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى كۆلەمنى كېڭەيتىش تەلىپىگە يەتمىگەچكە، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق ئامىللار ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغاچقا، كۆلەمنى قارىغۇلارچە كېڭەيتىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمىدى. شۇڭا، قانداق قىلغاندا كۈچەيتىش بىلەن زورايتىش ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى مۇۋازىنەت نۇقتىسى ۋە بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ، سۈپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

   ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئورگانىك تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئارىسىدىكى مۇۋازىنەت نۇقتىسىنى تاپقاندىلا، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى رايون ئىگىلىكى ئۈچۈن ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، رايون تەۋەسىدىكى كارخانىلارنىڭ خادىملارنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلىشى ۋە پەن تەتقىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. كەسپىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش داۋامىدا ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. ئىجتىمائىي ئۈنۈمگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئوقۇتۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايلا قالماي، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقىمۇ تەسىر يېتىدۇ.    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ