|
‹‹جۇڭگونىڭ چۈچۈكبۇيا ماكانى›› دېگەن نامى بار شايار ناھىيىسىدە 400 مىڭ مو كۆلەمدە چۈچۈكبۇيا بار. بىز يېقىندا شايار ناھىيىسىدىكى ‹‹لۇيۈەن›› چۈچۈكبۇيا شىركىتىدە كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان ئۈچ تال چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى كۆردۇق. بۇ يىلتىزلارنى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بىر چارۋىچى كولاپ ئالغانىكەن. ‹‹لۇيۈەن›› شىركىتىدىكىلەر بۇ چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى سېتىۋېلىپ ئەۋرىشكە قاتارىدا ساقلاۋېتىپتۇ. بۇ چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.20 مېتىر، ئايلانمىسى 1.35 مېتىركېلىدىكەن. چۈچۈكبۇيىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار: بۇ چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنىڭ چوڭى 100 نەچچە يىللىق، كىچىكى 40 نەچچە يىللىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشتى.
|