باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
قۇمۇللۇق دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا 10 مىليون يۈەن خەجلىدى
2008- 06- 26 16:13 شىنجاڭ گېزىتى

     قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى دېھقانلار بۇ يىل 10 مىليون 618 مىڭ يۈەن خەجلەپ، چوڭ تىپتىكى تراكتوردىن 119نى، چاتما سايماندىن 227نى سېتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ 3 مىليون 550 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.

    بۇ ۋىلايەت بۇ يىل دۆلەتنىڭ 5 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى. بۇ ئىش قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ئىلھام بولدى.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغان دېھقانلارغا بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى نەقلەشتۈرۈشتە، كىم بۇرۇن سېتىۋالسا شۇ ئاۋۋال ئېتىبارغا ئېرىشىش، كىم يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋالسا شۇ ئاۋۋال ئېتىبارغا ئېرىشىش، كىم مۇستەقىل سېتىۋالسا شۇ ئاۋۋال ئېتىبارغا ئېرىشىش، كىم ئىشلىتىش قەرەلى توشقان، براك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرسا شۇ ئاۋۋال ئېتىبارغا ئېرىشىش تەدبىرىنى قوللانغانلىقتىن، ھازىرغىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان دېھقان ئائىلىسى 640 قا يەتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ