باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىغا بولغان سىناق
2008- 06- 26 16:06 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نىڭ يولغا قويۇلغىنىغا يېرىم ئايدىن ئاشتى، مەن زىيارەت جەريانىدا، ئۈرۈمچىدىكى بەزى قەرەللىك بازار، ئۇششاق تاۋار بازارلىرىدا سۇلياۋ خالتىنىڭ بۇرۇنقىدەك ھەقسىز ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىنى ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى بايقىدىم. كىچىككىنە سۇلياۋ خالتا پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەلەپچانلىق روھىنى سىنىماقتا.

   سۇلياۋ خالتىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› يولغا قويۇلغانىدى. ئەگەر بىز ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نى بىر تەرەپلىمە ھالدا سۇلياۋ خالتىنى ھەقسىز ئىشلىتىشنىڭ ھەقلىق ئىشلىتىشكە ئۆزگىرىشى دەپ چۈشىنىپ، پۇل تۆلەپ سۇلياۋ خالتا سېتىۋېلىپ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقان تۇرمۇش تەننەرخىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلساق، بۇ بىزنىڭ ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمىگەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نى چىقىرىشنى قانۇن جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇ سودىگەرلەرگىلا قارىتىلغان تۈزۈم بولماستىن سودىگەرلەرنىڭ ھەق ئېلىشىنى پىشاڭ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئويغىتىپ، كۆپچىلىكنى مۇھىت ئاسراشتا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلەيدۇ.

   ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› ياخشى نىيەتلىك ئەسكەرتمە بولۇپ، بىزنى سۇلياۋ خالتىنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا يۇرتىمىزنىڭ ئاق بۇلغىمىنىڭ زىيىنىغا ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئەسكەرتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغىلا تايىنىپ، پائال ماسلاشمىساق، ھۆكۈمەت كۆپ قانۇن – نىزام چىقىرىپ، يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ھەرقانچە ئاشۇرسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى تازا دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ.

   ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھازىرقى باسقۇچتا بەزى ئىستېمالچىلار كۆنەلمەسلىكى، يەنە بەزى سودىگەرلەر سۇلياۋ خالتىدىن ھەق ئالسا سودىسىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرىشى مۇمكىن. ئەمما ئەستايىدىل ئويلانساق، يۇرتىمىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلماسلىقىمىزغا سەۋەب كۆرسىتەلمەيمىز، چۈنكى مۇھىت ئاسراش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.

   ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ئالاقىدار فۇنكسىيىلىك تارماقلارنىڭ كۈندىلىك تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشىگە تايىنىشتىن باشقا، بىزنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىش – ئالالماسلىقىمىز تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ