|
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: 5 – ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالە ئىستېمال قىلىدىغان تاۋارلار باھاسى 4 – ئايدىكىدىن % 0.4 چۈشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك تۈرىدىكى تاۋارلار باھاسى% 1.2چۈشكەن.ئەممائاھالەئىستېمال قىلىدىغان تاۋارلار باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 10.9 ئۆسكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىسى ئىستېمال قىلىدىغان تاۋارلار باھاسى% 9.8، يېزا ئاھالىسى ئىستېمال قىلىدىغان تاۋارلار باھاسى % 13، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى% 11.1 ئۆسكەن. تەكشۈرۈلگەن سەككىز چوڭ تۈردىن قارىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېمەكلىك باھاسى% 27.3، تۇرالغۇ باھاسى% 8.2 ئۆسكەن بولۇپ، ئۇلار يەنىلا باھانىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ سەۋەب ئىكەن . قالغان ئالتە چوڭ تۈرنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، داۋالغۇش نىسبىتى ئانچە چوڭ بولمىغان. بۇنىڭ ئارىسىدا داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ۋە شەخسىي لازىمەتلىكلەرباھاسى% 3.6، ھاراق – تاماكا بىلەن ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى ۋە رېمونت مۇلازىمەت تۈرىنىڭ باھاسى% 2.8 ئۆسكەن.
يېمەكلىك تۈرىنىڭ ئىچىدە قىسمەن تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى روشەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ياغ باھاسى% 58.1، قۇرۇق پۇرچاق ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى% 53.8، گۆش قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى باھاسى% 52.8، سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى باھاسى% 31.3، يېمەكلىك باھاسى% 20 ئۆرلىگەن.
پەسىل ئامىلىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن يېڭى كۆكتات ۋە يېڭى مېۋىلەرنىڭ باھاسى 4 – ئايدىكىدىن چۈشكەن،يەنى كۆكتاتنىڭ باھاسى %19.6، يەل – يېمىشنىڭ باھاسى %2.5 چۈشكەن. كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ئۆتكەن ئايدىكىدىن %5.5، ياغ باھاسى %4.0 چۈشكەن ، باھانىڭ چۈشۈشى بىر قەدەر روشەن بولغان.
|