|
ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت نازارەتچىلىك ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 24 – كۈنى ، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرىشىدە لاياقەتسىز بولۇپ چىققان بەش خىل ھەسەل مەھسۇلاتى ۋە تۆت خىل مېۋە – چىۋە كونسىرۋاسىنى ئېلان قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەر ئاھالىلىرىنى بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. بۇلار ئايرىم ھالدا جىنجياڭ شەھىرى جىلىلوڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى؛ سۇجۇ شەھىرى شىشەن يىنخوڭ مېۋە - چىۋە مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى؛ تيەنۋو يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى؛ گۇاڭدۇڭ نوڭفۇ شەنجۇاڭ يېمەكلىك سانائېتى چەكلىك شىركىتى؛ چۈەنجۇ لوجياڭ لۈباۋ يېشىل يېمەكلىكلەر چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت .
|