|
بورتالا شەھىرىدىكى پۇقراۋى كارخانا ‹‹شەرق شامىلى›› كىتاب شەھەرچىسى يېقىندا جىڭ ناھىيىسىنىڭ ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىگە 15 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كىتاب ئىئانە قىلدى. بۇ كىتاب شەھەرچىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، بورتالادىكى ھەربىي گازارما، مەھەللە، مەكتەپ ۋە كارخانىلاردا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇ ئورۇنلارغا زور مىقداردا كىتاب ئىئانە قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ كىتاب شەھەرچىسى بەش يىلغىچە يېزىلاردىكى ئون مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىش پىلانىنى يولغا قويدى.
|