|
ئىران ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە ۋە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كەلدى. 16 – ئىيۇن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بروۋن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، تەھدىت تەلەپپۇزىدا: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگونى كۈچەيتىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا جۇڭگوغا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىران بىلەن بولغان نورمال سودىنى توختىتىشى توغرىسىدا ۋەز ئېيتتى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاپپاراتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى شۇلتېر 16 – ئىيۇن بېيجىڭدا جۇڭگودىكى ئالاقىدار زاتلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىران بىلەن بولغان نورمال سودىنى توختىتىشى توغرىسىدا ۋەز ئېيتقان.
شۇلتېر مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزمەكتە، ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى توختىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگونىڭ نېفىت ئىمپورتىنىڭ تەخمىنەن %50 ى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن كېلىدۇ، شوڭا، مېنىڭچە، پەقەت ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندىمۇ، جۇڭگونىڭ ئىرانغا يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى ئۆزىگە ئىنتايىن پايدىلىق.
ياۋروپادا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى قوللاپ، ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگونى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەز ئېيتقان.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بروۋن بۇش بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، 16 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ئەگەر ئىران ب د ت نىڭ قارارىغا پەرۋا قىلمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگونى كۈچەيتىپ، ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ بانكىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىدۇ ھەم ئىرانغا يېڭى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمبارگوسى يۈرگۈزىدۇ، دېدى.
بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىران يېڭى ئىمبارگو تەھدىتىگە دەرھال قارشى تەدبىر قوللانغان. بروۋن ئىمبارگو تەھدىتىدىن بېشارەت بەرگەن ھامان، ئىران ياۋروپادىن نۇرغۇن مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا›› گېزىتىنىڭ 16 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە: ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ياۋروپادىن توڭلىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 75 مىليارد دوللارلىق مەبلەغنى قايتۇرۇپ كەتتى، دېيىلدى. بىراق ئىراندىكى مەلۇم بانكا ئەمەلدارى 17 – ئىيۇن بۇ ئىشنى ئىنكار قىلدى. بۇ ئەمەلدار: ئىران ياۋروپادىكى بانكىدىن مەبلەغ يۆتكىمىدى ھەم ئۇنداق قىلماقچىمۇ ئەمەس، دېدى.
ئىراننىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىمبارگو تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يوقمۇ ئەمەس. ئىران ‹‹دۇنيا›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيىنىڭ ھازىر ئىراندا 12.5 مىليارد دوللار مەبلىغى بار، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئالتۇن، كۈمۈش قېزىلما بايلىقنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنغان، شۇڭا، ئەنگلىيىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قوللىنىش تەھدىتى ئەنگلىيە كارخانىلىرىنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|