باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
كىشىلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ
2008- 06- 26 12:58 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    بەزى داڭلىق ئەرەب ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسىئونلىرى يېقىندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. مۇھاكىمىدە، نۆۋەتتىكى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇرۇش قوزغاش كېرەكمۇ ياكى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ، دەپ تالاش- تارتىش قىلدى، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئۈستۈن تۇردى.

      بۇ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: 2003–يىلى ئامېرىكا ئىراقتىكى سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، مۇھىم ستراتېگىيە تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلاندى، ئىراننىڭ ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچى ۋە تەسىرى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىمۇ ئىران ئۈچۈن يەنە بىر زور خەۋپنى يوقاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىراننىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. تېگى  تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇرۇش— ھەربىي، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىش بولۇپ، ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈچىيىشى شۈبھىسىزكى ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىكى ئەڭ زور پايدىسىز ئامىل ھېسابلىنىدۇ.   

    ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىنى يادروسىز رايون قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەشەببۇس قىلىدۇ، لېكىن ئەرەب مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق قارىدى: ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇش بىر كۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، يادرو قۇراللىرىغا ئىگە ئىسرائىلىيىنىڭ تېخىچە يادرو قۇراللىرىغا ئىگە بولالمىغان ئىرانغا زور تەھدىت پەيدا قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمىدى نىجاد كۆپ كېتىم سۆز بايان قىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ دۈشمىنى ئىسرائىلىيىنى خەرىتىدىن يۇقىتىۋېتىش كېرەك، ئىران ئازراقلا يادرو قۇرالىغا ئىگە بولسا ئىسرائىلىيىنى ئىسكەنجىگە ئالالايدۇ، دېدى. ئىران يادرو قۇراللىرىغا ئىگە بولسا، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيىگە تەھدىت سېلىشى رىئاللىق، ئەرەب دۆلەتلىرىگىمۇ يۇشۇرۇن تەھدىت سالىدۇ. دېڭىز قۇلتۇقىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قۇرال ئىشلىتىشىنى قوللىمايدۇ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغانغا ئاز قالدى، بۇ ئانچە كۆپ بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە، بۇش ھۆكۈمىتى ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئامېرىكا پەقەت ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرەلەيدۇ، ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاش ئىقتىدارى يوق. ئەگەر ئىران لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئىراق شىئە مەزھىبى قاتارلىق ئىرانغا سادىق كۈچلەرنىڭ ياردىمىدە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى مەنپەئىتىگە زەربە بەرسە، ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىراق، ئافغانىستاندىكى ئەھۋالى، ئىران بىلەن ئىراقنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىراقتىكى شىئە مەزھىبى، دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىدۇ.

   ئەرەب مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ 100 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئۇرۇش پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتتى، ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، قانلىق توقۇنۇش توختىمىدى، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى تەۋرىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھازىرقى ھۆكۈمەت ئاجىزلىشىپ كۈچىدىن قالدى؛ ئىران دۇنيا بويىچە ئاساسلىق نېفىت دۆلىتى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى بولغان مۇھىم نېفىت يولىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا. نۆۋەتتە، خەلقئارا، رايون ۋە ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ئىراننىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىشىگە پايدىسىز.

   ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنىچىلىكىنىڭ ئازىيىشى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى نىسبىي ئاشۇرۇۋەتتى. ئىران نۆۋەتتە ئىنتايىن دانا دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قوللاندى، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى مۇمكىنچىلىكى زور. ئىراننى بىر دىنىي دۆلەت دەپ قارىماسلىق كېرەك، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش بارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى رايس: ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك دۈشمىنى يوق، دېدى. بۇ گەپ رۇشەنكى ئامېرىكا- ئىران مۇناسىۋىتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى بەزى چوڭ دۆلەتلەر ئويلىنىش باسقۇچىدا، بولۇپمۇ روسىيە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قوللىمايدۇ ئەمما ئۇ ئىرانغا ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈش سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىپ ئىراننى يادرو قۇراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكىمۇ قارشى تۇرمايدۇ.

    دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا مۇجىمەل پوزىتسىيە تۇتتى، بەزىدە زىددىيەت پەيدا بولدى، شۈبھىسىزكى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەربىي تۇقۇنۇش ئۆزىگە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسى ئىراننىڭ ‹‹قەغەز يولۋاس›› بولۇپ قېلىشىدىن، ئىراققا ئوخشاش زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىۋاتىدۇ. ئەرەب مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق قارىدى: ئىراندىكى‹‹ئۇقۇمۇشلۇق زاد›› لار نىجادقا ئەگىشىپ تەۋەككۇلچىلىق قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ جەزمەن ئىراننىڭ خەلقئارادىكى ھەرقايسى رايون، دۆلەتلەر، بولۇپمۇ سۈرىيە، لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسى، پەلەستىندىكى خاماس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

   بۇ مەزگىلدە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىدى: ئۇرۇش قوزغاش بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئوتتۇرىسىدا تاللاش مەسىلىسى ئامېرىكا، شۇنداقلا ئىران ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، ئىككىلىسىنىلا تاللاش ئىككى تەرەپكە ئوڭاي ئەمەس، رايونلار، دۆلەتلەر ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۈبھىسىزكى، كىشىلەر ئۇرۇشنى تاللاشنى خالىمايدۇ.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ