|
16 – ئىيۇن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ھاۋا ئارمىيىسى سوقۇش ئايروپىلانىدىن 90 نى ئاجرىتىپ، كورىيىنىڭ كۈنسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا بىر ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ، بۇ يىل 3 – ئايدا ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ‹‹ھالقىلىق ئىرادە›› ناملىق كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىردىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر قېتىملىق مانېۋىر. تەھلىلچىلەر: بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىدى.
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ‹‹يۇلتۇز – بالداقلىق بايراق›› گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مانېۋىرى 16 – ئىيۇن باشلىنىپ، 20 – ئىيۇن ئاياغلاشقان. بۇ قېتىمقى مانېۋىردا ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى 90 سوقۇش ئايروپىلانىنى مانېۋىرغا قاتناشتۇرغان، ئامېرىكا تەرەپ ‹‹52–B›› بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان، ‹‹3–E›› بەلگىلىك ھاۋادا ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى، ‹‹15–F›› ۋە ‹‹16–F›› بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانى، ‹‹10–A›› بەلگىلىك ھۇجۇمچى ئايروپىلان ۋە ‹‹135–KC›› بەلگىلىك ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى قاتارلىقلارنى قاتناشتۇرغان، كورىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ‹‹4–F››، ‹‹15K–F›› ۋە ‹‹16–KF›› بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەيدەپ مانېۋىرغا قاتناشقان. بۇ قېتىمقى مانېۋىردا كېچە – كۈندۈز توختىماي نۆۋەت ئالمىشىپ مانېۋىر قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، 56 سوقۇش ئايروپىلان كۈندۈزدىكى مانېۋىرغا، 34 سوقۇش ئايروپىلانى كېچىلىك مانېۋىرغا قاتناشقان.
ئامېرىكا بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، مانېۋىرغا كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى قاتناشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلى كادېنا ھاۋا ئارمىيە بازىسى، گۇئام ئارىلى ئاندېرسون ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئالياسكا ئېلمېندورف ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ھاۋاي خىككام ھاۋا ئارمىيە بازىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا زېمىنىدىكى سوقۇش ئايروپىلانلىرىنىمۇ قاتناشتۇردى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەمەلدار مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مانېۋىردا كورىيە ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قوغدىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشمۇ كۆزدە تۇتۇلدى.
گەرچە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونى قوماندانلىق شتابى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، گېنېرال پولكوۋنىك چاندلېر نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ چاۋشيەنگە قورال كۈچىنى كۆز – كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن كورىيىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرلىرىدا چاۋشيەن دۈشمەن ئورنىدا پەرەز قىلىنىپ كېلىنگەن. بۇ قېتىمقى ئامېرىكا بىلەن كورىيىنىڭ مانېۋىرىدىمۇ كىشىلەر بۇ نۇقتىنى پەرەز قىلدى. بۇ قېتىمقى 90 سوقۇش ئايروپىلاننىڭ بىرلا ۋاقىتتا مانېۋىرغا قاتنىشىشىمۇ نۇرغۇن تەھلىلچىنى ھەيران قالدۇردى.
بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: كورىيىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەش جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئامېرىكا بىلەن كورىيىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىمۇ ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر كۆلىمىمۇ بارغانچە كېڭەيدى. بۇ يىل 3 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ھالقىلىق ئىرادە›› ناملىق مانېۋىردا ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 27 مىڭ كىشى مانېۋىرغا قاتنىشىپلا قالماستىن، يەنە ‹‹نىمىز›› ناملىق يادرو ماتورلۇق ئاۋىئاماتكىمۇ ئىشقا سېلىندى، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ‹‹ئوخېئو›› ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو سو ئاستى پاراخوتىمۇ تۇنجى قېتىم بۇ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|