|
يېقىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ 2008 – 2012 يىللىق يىرىك پىلانى››نى ئېلان قىلدى. بۇ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ھۆججىتى، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈپ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››دا پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھى يېتەكچى قىلىنىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تىزىسىنىڭ ئاساسىي روھى، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئاساسىي تەلىپى ۋە خىزمەت نىشانى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەربىيىلەش، تۈزۈم، نازارەتچىلىك، ئىسلاھات، ئىستىل تۈزىتىش، جازالاشتىن ئىبارەت ئالتە خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلىنىپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى، يېڭى تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ كېينكى بەش يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۇتۇلغان.
مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىش چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماسلىشىش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىنى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.
ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھميەت بېرىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم پرىنسىپى. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جازالاش –– ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسى، ئالدىنى ئېلىش –– جازالاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش كۈچى، تەربىيىلەشنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، تۈزۈمنىڭ ئىدارە قىلىش كۈچى، نازارەتچىلىكنىڭ ئۆزئارا چەكلەش كۈچى، جازالاشنىڭ قورقۇتۇش كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى قۇرۇلۇشقا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي تەسەۋۋۇر، تەدبىر ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئىدىيىۋى تونۇش، مەدەنىيەت كەيپىياتى، تۈزۈلمە شارائىتى ۋە قانۇن – تۈزۈم كاپالىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، ھەر تەرەپلىمە بايلىق ۋە كۈچلەرنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىيلىكى، سىستېمىلىقلىقى، ئومۇمىيلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ھوقۇقنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش ۋە ھەرىكىتى چەكتىن ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادىل ئىش قىلىش، پاك بولۇش كېرەك. ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا تۇتۇپ، ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەمنى ئاسان چىرىكلەشتۈرىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار ھوقۇقى، ئەدلىيە ھوقۇقى، مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا ھوقۇقىنى چۆرىدىگەن ھالدا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنى تۈزۈش كېرەك. قۇرۇلۇش، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەر ۋە بانكا كرېدىتى، سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى سودا پارىخورلۇقى دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە ۋە سېلىنما تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى شۇنداقلا زامانىۋى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان، ھوقۇق – پۇل سودىسى قىلىشقا پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم يوچۇقىنى ئەڭ زور چەكتە كىچىكلىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشقا، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىرىكلىكنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇل سۇبيېكتى، ئۇلار چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشتەك سىياسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتكوملار ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، پۈتكۈل پارتىيە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
ھازىر ئېلىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىگە كىردى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل. پۈتكۈل پارتىيىدىكىلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئىيۇن تېلېگراممىسى)
|