باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مۇساپىسى ئۇزۇن
2008- 06- 26 11:09 شىنجاڭ گېزىتى

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا ئالتە چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

   ۋېنچۇەندە يەر تەۋرەپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك زور غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بىراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، قىيىنچىلىقلارنى ئامال – چارىلەرنى  قوللىنىپ يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىش ئورنى كۆپەيتىپ ئىشسىزلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك

   ‹‹مېنىڭ ئىش ئورنۇم قەيەردە؟›› –– ميەنجۇ شەھىرى شىڭلوڭ بازىرى گۇاڭپىڭ كەنتىدىكى ۋۇ جيافاڭ شۇنداق خىتاب قىلدى.

   ۋۇ جيافاڭ قازا قىلغان ئايالىنى موتسىكلىت بىلەن دەپنىخانىغا ئېلىپ بېرىپ يۇرتداشلارنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. ئۇ جۇدالىقنى تەدرىجىي ئۇنتۇپ رېئاللىققا قايتقىنىدا، ئوغلى بىلەن ئىككىسى ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ يەر تەۋرەشتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئىشتىن توختاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى بايقىدى.

   ميەنجۇ شەھىرىدە  510 مىڭ كىشى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولۇپ، شەھەر بويىچە 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ‹‹ئىشسىز›› قالدى. ھازىر ئەمگەكچىلەر بازىرىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللەش ۋە ئۆز ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىش ئورنىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

   25 – ماي يەنى يەر تەۋرەپ 13 كۈن بولغاندا، ميەنجۇ شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى يېنىدا ئەمگەكچىلەر بازىرىنىڭ چېدىرىنى تىكىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى ئاجرىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار يەنە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور ئارقىلىق مەملىكەتكە ‹‹بىر ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر كىشىنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ››، دەپ تەشەببۇسنامە چىقاردى، ئەتىسىلا باشقا ئۆلكىنىڭ 230 نەچچە كارخانىسى ميەنجۇغا ئادەم ئەۋەتىپ ئىشچى قوبۇل قىلدى. بىراق ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ھەربىر كىشىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تېپىشى يەنىلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا موھتاج.

ۋاقىتلىق ئۆي مەنبەسىنى كۆپەيتىپ، تۇرالغۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

   ھازىر ئاددىي چېدىرلاردا پاناھلىنىۋاتقانلار قۇلاي ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئۆيلەرگە تولىمۇ موھتاج.

   ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا 15 – ئىيۇنغىچە  152 مىڭ 600 يۈرۈش ۋاقىتلىق ئۆي قۇراشتۇرۇلدى، 38 مىڭ 800 يۈرۈش ئۆي قۇراشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، يەنە 96 مىڭ 300 يۈرۈش ئۆي قۇراشتۇرۇلىدۇ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا 56 مىڭ 200 يۈرۈش ئۆي توشۇلدى، يەنە 77 مىڭ 800 يۈرۈش ئۆي توشۇلىدۇ. بىر قىسىم جايلاردا خام ئەشيا يېتىشمەسلىك، باھا ئۆسۈپ كېتىش، توشۇش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىلەر كۆرۈلدى؛ ھالبۇكى، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ كۆپىنچىسى تاغ جىلغىسىدا بولۇپ يەر تار بولغاچقا، ۋاقىتلىق ئۆينى قۇراشتۇرىدىغان ئورۇن تېپىش قىيىن بولماقتا.

   خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى يېقىندا ‹‹ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆيى ئۆرۈلگەن ياكى بۇزۇلغان دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇسىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى تارقىتىپ، دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق، باھاسى مۇۋاپىق ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىشنى، مەركەز مالىيىسىدىن ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆيى ئۆرۈلگەن ياكى ئېغىر بۇزۇلغان دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇسىنى قايتا قۇرۇشى ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىگە 10مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش، ئۆيى بۇزۇلغان باشقا دېھقانلارغىمۇ مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆچمەنلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

   يەر تەۋرەشتە تاغلىق رايوندىكى نۇرغۇن كەنت ۋەيران بولۇپ، كىشىلەر كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى، ئەمما كۆچۈپ بارغان جايدا يەر بولمىغاچقا، دېھقانلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تىرىكچىلىك قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ تاغلىق رايوندىكى نۇرغۇن دېھقاننىڭ ھۈنىرى بولمىغاچقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس.

   تاغ جىسىمى گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئەگەشمە ئاپەتلەر كۆپ يۈز بەرگەچكە، ئاپەت ئېغىر بولغان چىڭچۇەن ناھىيىسىدىن 3000دىن ئارتۇق كىشى جيەنگې، يۈەنبا قاتارلىق ناھىيىلەرگە جىددىي كۆچۈرۈلدى. گۇاڭيۈەن شەھىرىنىڭ كۆچمەنلەر بەلگىلىمىسىدە، ھەر كۆچمەنگە پاختىلىق كىيىم، يوتقان، ئوچاق قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بېرىش، كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلغان يېزا – بازارلارنىڭ يەنە ھەر بىر كۆچمەنگە بىر مو تېرىلغۇ يەر، يېرىم مو ئورمان يېرى تەقسىم قىلىپ بېرىشى، ئۇلارنى زۆرۈر تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىشى بەلگىلەنگەن.

   ميەنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ گوخۇا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ‹‹ئاپەتكە ئۇچراپ كۆچۈپ چىققانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئېلىمىزنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى تەتبىقلاپ، ھۆكۈمەت بىر تەرەپتىن كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىش ئورنى تېپىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن قىسقا، ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ھۈنەر – تېخنىكا ئۆگىتىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساس سالسا بولىدۇ››.

ئەگەشمە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىپ، قايتا تالاپەت يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك

   تاڭجياشەندىكى توسۇلما كۆل مۇۋەپپەقىيەتلىك راۋانلاشتۇرۇلۇپ، سىچۇەننىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونىدىكى يەر تەۋرەشتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ خەتەر تۈگىتىلدى، ئەمما بۇ باشقا ئەگەشمە ئاپەتلەرنىڭ تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، توسۇلما كۆلدىن باشقا تاغ جىسىمى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەرمۇ ھەر ۋاقىت يۈز بېرىۋاتىدۇ، كەلكۈن مەزگىلى ۋە تومۇز ئىسسىقنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىمۇ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.

   سەھىيە تارماقلىرى تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇم مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش كۈچلىرىدىن تەشكىللەنگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمى ۋە راۋان ئۇچۇر – ئالاقە سىستېمىسى، ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ۋاقتىدا كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

ئىگە – چاقىسىز مېيىپلەر، يېتىم بالىلار، ياشانغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

   ‹‹ۋېنچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش نىزامى››دا: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئىگە – چاقىسىز بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تولۇقلىما بېرىش، پسىخىك ياردەم بېرىش ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، دەپ تەكىتلەندى.

ساياھەتچىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

   ساياھەتچىلىك ––– سىچۇەننىڭ تۈۋرۈك كەسپى، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش سىچۇەننىڭ ساياھەتچىلىكىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، دۇنياۋى مىراسلار مەركەزلەشكەن دۇجياڭيەن – چىڭچېڭشەن، مۈشۈكئېيىق ياشايدىغان نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، ۋولۇڭ قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى. سىچۇەن 14 – ئىيۇندىن باشلاپ لېشەن، لياڭشەن قاتارلىق 13 شەھەر، ئوبلاستنىڭ ساياھەت بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى، چېڭدۇنىڭ ساياھەت بازىرىنى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈردى.

   ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ساياھەتچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىمۇ يېقىندا باشلاندى. سەيلىگاھلارنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ  ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئالتۇن ساياھەت لىنىيىسى بولغان جيۇزەيگو – خۇاڭلوڭ ئايلانما يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش مەبلىغى ۋە سىياسەت بىلەن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەت رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت بازىرى ئىستېمالى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.     

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ خەۋىرى)

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ