|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاخبارات، تەشۋىقات سېپىدىكىلەردىن باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ خەلق گېزىتخانىسىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ‹‹سۆز››نىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆزىدە ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىگە قويۇلغان تۈپ تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹سۆز››دە ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيىۋى قاراشلار ۋە مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى تولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىنىڭ ئاخبارات، تەشۋىقات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىسى بېيىتىلغان ھەم راۋاجلاندۇرۇلغان. ‹‹سۆز›› ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ نەزەرىيىۋى نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ سىستېمىلىق يەكۈنى، يېڭى تارىخىي پەللىدە ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمەتچىلىرى ئۇنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشى، كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹سۆز››نىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، بازار ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشنى ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىدە 1 – ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق، تەشەببۇسكار بولۇپ خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىش تۈپ تەلىپىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ تەشەببۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشتىكى نوپۇز، ئىناۋەت، تەسىرچانلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ ئاخبارات، تەشۋىقات ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قاراش، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىدە دەۋر خاسلىقىنى تىرىشىپ نامايان قىلىش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىجادىيلىقنى بېيىتىش؛ ئاخبارات، تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورنى ئېنىق بېكىتىلگەن، خاسلىقى روشەن، ئۆز ئارا تولۇقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولغان جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش؛ ئاخبارات نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاخبارات مائارىپى ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخبارات نەزەرىيىسى خىزمەتچىلىرىنى ئاڭلىق ھالدا ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل بويىچە ئاخبارات نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىدە دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا يېتەكلەش؛ ئاخبارات، تەشۋىقات قوشۇنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچنى ئۆگىنىش تەربىيىسى›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى دۇرۇس، ئىنتىزامچان قوشۇن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
|