باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
بىرىكمە كۈچ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت،بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى
2008- 06- 26 11:04 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (14)

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەنلياڭ 13 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئون نەچچە قېتىم ئۆمەك باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى››گە چېتىلىدىغان تۈر قۇرۇلۇشى، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە پىلان تۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلەشتىم.

   جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى›› تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ پۇرسەتنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەزىپىلەرنى ئايرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلان تۈزۈپ، تۈرلەرنى پىلانلاپ، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، بارلىق چارە – ئاماللار بىلەن تىرىشماقتا. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكىلەرنىڭ يىرىك پىلان تۈزۈش ۋە تەرەققىياتنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلىدى. مۇشۇ ئاساستا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش، ئوبوروت، ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان جەمئىي 69 تۈرنى مەخسۇس پىلانلاش ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ۋەزىپىنى ئالاقىدار تارماقلارغا ئايرىم چۈشۈرۈپ بەردى. 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 64 تۈر تاماملاندى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرىغا 34 تۈر يوللاندى.
ليۇ يەنلياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت 98 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىشلىتىدۇ. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلا ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلدىن باشلاپ، بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھەر يىلى 2 مىليارد يۈەن مەخسۇس قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ۋاقىتلىق پىلانغا كىرگۈزۈلمىگەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق ئىشلىتىلىدۇ.

   قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى›› تارقىتىلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. بۇ يىل دۆلەت 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاقتۇ ناھىيىسى چارلۇڭ يېزىسىنىڭ تاشيولىنى ياساشقا باشلىدى، بۇ يېزا ھازىر شىنجاڭ بويىچە تاشيول قاتنىمىغان ئاخىرقى يېزا بولۇپ قالغان ئىدى. ھازىر بۇ قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر بولۇپ، 2009 – يىلى قاتناش باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

   بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىمكانقەدەر تېز قۇرۇلۇش باشلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون تۈرلەرگە سېلىنىدىغان ئالدىنقى مەزگىللىك سېلىنمىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايون مالىيىسى يېڭىدىن خام چوت ئىچىدىكى ئالدىنقى مەزگىللىك راسخوتتىن 200 مىليون يۈەن ئاجراتتى، ھازىرغىچە 180 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 80 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، زور سۇچىلىق، تۆمۈر يول، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، مائارىپ قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرى نۇقتىلىق قوللاندى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ