باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، جۇيۇڭكاڭلار: زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە قىلىپ بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك، دېدى
2008- 06- 26 11:02 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە قىلىپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇش؛ تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەسىلە، يېڭى ئالاھىدىلىككە قارىتا ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، زەھەر چەكلەش خەلق كۈرىشىنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇش؛ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تەشۋىقات ۋە تەربىيە، قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، ئىلمىي ئۇسۇلدا زەھەر تاشلاش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، قانۇن بويىچە زەھەر چەكلەشنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

   مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ 24 – ئىيۇن بېيجىڭدا دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقلارنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەم يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى زەھەر چەكلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

   مېڭ جيەنجۇ مۇنداق كۆرسەتتى: زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيىسى، زەھەر چەكلەش ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش، زەھەرنىڭ كىرىش مەنبەسىنى توسۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، زەھەر چەكلەش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى باسقۇچتا زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ