باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى
2008- 06- 26 10:57 شىنجاڭ گېزىتى

  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى تەربىيلەش كۇرسىدا 25 – ئىيۇن ئوقۇش باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، كۇرسانتلاردىن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ۋەزىپە بىلىپ، سىياسىي، كەسپىي سەۋىيىسى ۋە فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كېڭىشىش تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى ۋە ۋەكىللەر خىزمىتى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇھىم سۆز قىلدى

   ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئىقتىسادىي ، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يولداشلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى قانۇندا يۈكلىگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، دەپ بىلىپ، سىياسىي ساپاسى، نەزەرىيىۋى ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كەسپىي بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىلىم دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى  كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گولياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، باش كاتىپ نىشان ئىبراھىم ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ