|
ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لېنتا كەستى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭدىكى تۇنجى 300 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە ماناس – ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 24 – ئىيۇن ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسىدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
شەرقىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى چېن فېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 3 – باسقۇچلۇق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى 300×2 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى دۆلەتنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، قۇرۇلۇشقا 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.
ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر يەنە ماناس – ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سۇمۇرۇغ توك ئۆزگەرتىش پونكىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى، غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشەنچلىك توك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدا غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئېلېكتر شىركىتىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن شىنجاڭدىكى تۇنجى 300 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە ماناس – ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى توك ئۆزگەرتىش – يوللاش، يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇر بەكرى مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، توكقا بولغان ئېھتىياجمۇ بارغانسېرى ئاشىدۇ، شىنجاڭ دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى ۋە غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتر تورىنىڭ تورلىشىشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، توكنى زور كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكتر سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىغا ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قوللايدۇ.
مۇراسىمدىن كېيىن، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى 300 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى –– ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسى 3 – باسقۇچلۇق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى 7 – نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىنى كۆزدىن كۆچۈردى.
|