باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاخبارات فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 06- 26 10:44 شىنجاڭ گېزىتى

     23 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن››، دېدى  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى پاتىمە ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلايلى›› دېگەن تېمىدىكى 2008 – يىللىق جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاخبارات فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاخبارات فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى 23 – ئىيۇن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى، بۇ كۆرگەزمە 29 – ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى كۆرگەزمىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە كۆرگەزمىنى كۆردى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت كۆرگەزمىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە كۆرگەزمىنى كۆردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ