|
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن ئېلان قىلىنغان، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارخىپ چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 28 – ئىيۇن ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالتە تۈركۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەرقايسى تۈركۈملەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
7 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 9 – كۈنىگىچە، تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇ تۈركۈمدە سەنئەت، تەنتەربىيە، ئارمىيە، ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى ۋە باشقا ئالدىن ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ياكى كەسىپلىرىگە، (مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ پېداگوگىكا تۈرىدىكى ھەقسىز كەسىپلىرى) گە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
7 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 16 – كۈنىگىچە، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇ تۈركۈمدە ‹‹985 مەكتەپلىرى››، ‹‹211 قۇرۇلۇشى›› دىكى مەكتەپلەر، تەستىقلاش ئارقىلىق مۇشۇ تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىدىغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى) ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمكارلىق پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن (مۇستەقىل ئىنستىتۇت ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
7 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇ تۈركۈمدە ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ۋە تەستىقلاش ئارقىلىق مۇشۇ تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىدىغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى)گە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
7 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇ تۈركۈمدە مۇستەقىل ئىنستىتۇتلار (ئەسلىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنستىتۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ تولۇق كۇرسى، پۇقراۋى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
8 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر (مەخسۇس كۇرس) گە ئالدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش (0 – تۈركۈم ) تۈركۈمى بولۇپ، بۇ تۈركۈمدە سەنئەت، تەنتەربىيە، ئارمىيە، ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكىلەر ۋە باشقا ئالدىن ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلەر) گە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
8 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر(مەخسۇس كۇرس)گە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمى بولۇپ، بۇ تۈركۈمدە ئۈچ خىل ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن(ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن بويىچە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن).
|