باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن دۆلىتىمىزنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 06- 26 10:42 شىنجاڭ گېزىتى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 24 – ئىيۇن كەچتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ خۇلەن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن ياڭ خۇلەن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى  قارشى ئالدى، باش ئەلچىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ باش ئەلچى بىلەن باش ئەلچىخانىنىڭ قوللىشى  ۋە ياردىمىدە شىنجاڭنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلدۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئافغانىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ