باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي كاپالەت چارىسى››دە شەھەرلەردىكى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئارىيەتكە بېرىش ۋە قايتا ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى
2008- 06- 26 10:29 شىنجاڭ گېزىتى

   شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيىنى ئارىيەتكە بېرىشىگە، قايتا ئىجارىگە بېرىشىگە ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىپ پايدا ئالغانلارنىڭ ئۆيى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قۇيۇلىدىغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي كاپالەت چارىسى››دە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – جاي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆي – جاي باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹چارە›› دە، ئىجارىگە ئالغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيدە ئورۇنلۇق ئاساسى بولماي ئالتە ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرمىغان ياكى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆينىڭ ئىجارىسىنى ئورۇنلۇق ئاساسى بولماي ئالتە ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تاپشۇرمىغانلار تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆينى توختامدىكى كېلىشىم بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك. توختامدىكى كېلىشىم بويىچە تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆينى قايتۇرمىغانلارغا، رايون (ناھىيە) لىك تۇرالغۇ كاپالىتىگە  مەسئۇل تارماقلار مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ‹‹چارە›› يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، شەھىرىمىزدىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ كىرىم ئۆلچىمى، تۇرالغۇ قىيىنچىلىق ئۆلچىمى ۋە تۇرالغۇ كاپالەت كۆلەم ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى جانلىق  باشقۇرۇش يولغا قۇيۇلىدۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر يىلى جەمئىيەتكە بىر قېتىم ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ‹‹چارە›› دە تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش شەكلى، كاپالەتلەندۈرۈش مەبلىغى ۋە ئۆينىڭ مەنبەسى، ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

   ‹‹چارە›› دە ئالاقىدار قانۇنىي مەسئۇلىيەت تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ  ‹‹چارە››دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقى كۆرسىتىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ