|
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ شىنخۇانى زىيارەت
قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشۇشنى ئىنچىكە تەشكىللىدى
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى سىچۇەندىكى ئاپەت رايونلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتا قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟
ۋاڭ شىنخۇا: قاتناش نازارىتى ئالدى بىلەن ئاپەت رايونىنىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 17 قېزىش ماشىنىسى، قاچىلاش ماشىنىسى، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئىئانە قىلدى ۋە 26 – ماي ئاپەت رايونىغا يەتكۈزدى.
سىچۇەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى قاتناش – ترانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ترانسپورت كاپالىتى لايىھىسىنى تېزدىن تۈزۈپ، مەخسۇس ئادەم قويۇپ ، ئۆز جايىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللىرىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. جىددىي تاقابىل تۇرۇش ترانسپورت كۈچى زاپىسىنى تولۇق ھازىرلاپ، بۇ ئىشقا مەسئۇل ترانسپورت ئورۇنلىرى ۋە ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش زاپاس ئاپتوموبىلىدىن 1140 ى بار، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشتە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى، قاتناش – ترانسپورت باشقۇرۇش ئورگانلىرى، ترانسپورت كارخانىلىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ترانسپورت كۈچى ئوتتۇرىسىدا راۋان، ئۈنۈملۈك ترانسپورت باشقۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندى.
ئاپتونوم رايوننىڭ پورت ترانسپورتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى خەلقئارانىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئەشيالىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە تېز، قۇلاي مۇلازىمەت قىلىپ، تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئالدىن تىزىملاپ، ئالدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا ئىئانە قىلغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنىڭ تېزدىن ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ماناس، شىخەنزىدە ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىش ئورنىدىن ئۆتكەندە ھەقتە ئېتىبار بېرىلدى
مۇخبىر: ماناس ناھىيىسىدىكى جاڭ خانىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئىلگىرى ماناستىن شىخەنزىگە تاكسىلىق بارسا سەككىز يۈەن ئېلىنىدىكەن، ماناس ھەق ئېلىش پونكىتى قۇرۇلۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن تاكسىلاردىن 30 يۈەن ئېلىنىدىغان بولۇپتۇ ، شۇڭا يولۇچىلار رىشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ئىككى بېشىدا ساقلاپ تۇرغان تاكسىلارغا چۈشىدىكەن. جاڭ خانىم ماناس ھەق ئېلىش پونكىتى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ماناس ۋە شىخەنزىدىكى ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولامدۇ – بولمامدۇ؟ دەپ سوراۋاتىدۇ.
ۋاڭ شىنخۇا: بۇ ئىككى جايدىكى ئاممىغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بەزى تەدبىرلەرنى بەلگىلىدۇق: بىرىنچى، بۇ ئىككى جايدىكى تاكسىلاردىن ھەق ئېلىشتا% 50 ئېتىبار بېرىش؛ ئىككىنچى، قىسقا مۇساپىلىك يولۇچى توشۇش لىنىيىلىرىدىكى ئاپتوبۇسلاردا ئايلىق بېلەت ئىشلىتىش؛ ئۈچىنچى، ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى زاۋۇت، كان قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا ھەر خىل ئېتىبار تەدبىرلىرى قوللىنىش.
ئاپتونوم رايونىمىزدا تاشيول ھەققى ئېلىش مۇددىتى توشسىمۇ ھەق ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
مۇخبىر: كورلىدىكى لەي ئەپەندى ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ كۆپ قىسمىدا ھەق ئېلىش پونكىتى قۇرۇلدى، قايسى يول بۆلەكلىرىنىڭ قەرزى تۈگىگەنلىكى، قايسى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقماقچى ئىكەن.
ۋاڭ شىنخۇا: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹قەرز ئېلىپ يول ياساش، ھەق ئېلىپ قەرز قايتۇرۇش›› تەك تاشيول قۇرۇلۇشى سەل كېيىنرەك باشلاندى، ھەق ئېلىنىدىغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول ‹‹تۇرپان – ئۈرۈمچى – داخۇاڭشەن›› تاشيولى 1998 – يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، شەرقىي رايوندىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىغا سېلىشتۇرغاندا، ئون يىلغا يېقىن كېيىن باشلانغان. تاشيول ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشى تۈرىگە سېلىنما كۆپ كېتىدۇ، مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتى ئۇزاقراق بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى ئالاھىدە، تاشيول قاتنىشىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز، تاشيول ھەققى ئۆلچىمى تۆۋەن، ئېلىنىدىغان ھەق ئاز، قۇرۇلۇش قەرزىنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ.
2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدىن 4975 كىلومېتىر ياساپ، ھەق ئېلىش پونكىتىدىن 69 نى قۇردۇق، قالدۇق تاشيول قۇرۇلۇش قەرز پۇلى 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن،2007 – يىللىق تاشيول ھەققى كىرىمى 1 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولۇپ، قەرز پۇل، ئۆسۈم قايتۇرۇش كاۋىكى ناھايىتى چوڭ. گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرۇش نىزامى›› نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەق ئېلىش مۆھلىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا مۇددىتى توشسىمۇ ھەق ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىدى.
قورغاستىكى ساربۇلاق بازىرى يېزا ئاممىۋى قاتنىشىنى يولغا قويىدۇ
مۇخبىر: قورغاس ناھىيىسىدىكى ما فامىلىلىك بىر دېھقاننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ كىشى تۇرۇشلۇق ساربۇلاق بازىرىدا ھەرقايسى كەنتلەرگە قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلاردا يولۇچىنى زىيادە قاچىلاش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن، نۇرغۇنلىرى كىنىشكا – نومۇر تاختىسى يوق ‹‹قارا›› ئاپتوموبىللار ئىكەن، كەنت ئاھالىلىرى بۇنداق ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇشتا خەتەرلىك ھېس قىلىپ، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بۇ خىل قانۇنسىز ئەھۋاللارنى باشقۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدىكەن.
ۋاڭ شىنخۇا: ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى بۇ مەسىلىنى بىزگە ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ترانسپورت باشقارمىسى شۇ كۈنى چۈشتىلا ئادەم تەشكىللەپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈش ئەھۋالى مۇنداق:
ساربۇلاق بازىرىنىڭ چەت، يىراق چارۋىچىلىق كەنتىدە بازار كۈنى ۋە چارۋىچىلار كۆچكەندە ‹‹قارا ئاپتوموبىل›› ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، قاتناش تەرتىپى سەل قالايمىقانلىشىپ كېتىدىكەن،ئوبلاستنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى تەشكىللەپ بۇ ئەھۋالنى تۈزىگەن بولسىمۇ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئاز، باشقۇرۇش دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، يېزا، بازارلارنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ئادەم ئاجراتقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە، ئۈچ رەسمىيىتى يوق ‹‹قارا ئاپتوموبىل›› لار يالغۇز ترانسپورت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ج خ قاتناش ساقچى ئورۇنلىرىمۇ بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشى كېرەك.
ساربۇلاق بازىرىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ناھىيىلىك ترانسىپورت باشقۇرۇش پونكىتى يېزىلاردا ئاممىۋى قاتناشنى يولغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ھازىرقى تېخنىكا دەرىجە تەلىپىگە يەتمىگەن ترانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىنىبۇس ۋە پىكاپلارنى بازاردىن شاللاپ، ئورنىغا 19 كىشىلىك ئارا ئاپتوبۇسلارنى سالدى.
دۆلەت تاشيول ترانسپورت تۈگىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى چىقاردى
مۇخبىر: يۈك ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چېن ئۇستام قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تاشيول، تۆمۈر يول، ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ‹‹نۆللۈك ئارىلىق›› جەھەتلەردە قانداق يېڭى تەدبىرى بار؟ دەپ سوراۋاتىدۇ.
ۋاڭ شىنخۇا: قاتناش مىنىستىرلىكى 2007 – يىلى 1 – ئاۋغۇستتا ‹‹دۆلەت تاشيول ترانسپورت تۈگۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى›› نى تۈزدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدا تۆمۈريول تۆگىنى، ئاۋىئاتسىيە تۈگىنى، ئاساسلىق پورت قاتارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەر خىل ترانسپورت ئۇسۇللىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ‹‹نۆللۈك ئارىلىق›› ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ تور دېڭىز ياقىسىدىكى بارلىق ئاساسىي پورتلار ۋە ئىچكى دەريادىكى% 93 ئاساسلىق پورت، بارلىق چوڭ، ئوتتۇراھال تۈگۈن ئايروپورتلىرى، بارلىق ئالاھىدە ۋوگزاللار، تۆمۈر يول كونتېينېر مەركىزىي بېكىتى ۋە %68 1 – دەرىجىلىك ۋوگزاللارنى قاپلىدى، بۇ تاشيول ترانسپورتىنىڭ توپلاشتۇرۇش، تارقاقلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئۇنىۋېرسال قاتناش ترانسپورتنىڭ بىر گەۋدىلىك ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
دۆلەتنىڭ تاشيول ترانسپورت تۈگۈنىدىن جەمئىي 179 ى بولۇپ، ئۇنىڭ 12 سى بىرىكمە تۈگۈن، ئۇلار جەمئىي 196 شەھەردە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كورلا، قەشقەر، شىخەنزە، كۈيتۇن، غۇلجا (قورغاس) ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.
قاتناش نازارىتى 2008 – يىلىنى ‹‹قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش يىلى›› قىلىپ بېكىتتى
مۇخبىر: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋاڭ ئەپەندى: قاتناش سىستېمىسىدا يىلدا نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مۇھىم ساھە، قاتناش نازارىتى بۇ يىل چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قايسى تەدبىرلەرنى بەلگىلىدى؟، دەپ سوراۋاتىدۇ.
ۋاڭ شىنخۇا: بۇ يىل قاتناش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئېغىر ۋە جاپالىق، نازارەت پارتكومى مۇنداق ئىككى مۇھىم خىزمەتنى بېكىتتى: بىرىنچىسى، 11 مىليارد 800 مىليون يۈەن سېلىنىدىغان قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش؛ ئىككىنچىسى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 2008 – يىلىنى ‹‹قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش يىلى›› قىلىپ بېكىتىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرى بويىچە <قۇياش نۇرى> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) چارىسى›› نى تۈزۈپ، خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار بولۇشتىن تارتىپ قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقىچە ‹‹سەككىز چوڭ ئىشنى ئاشكارىلاش›› نى يولغا قويۇش.
بۇ يىل نازارەت پارتكومى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش مەمۇرىي تەپتىشلىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› قاتارلىق پاكلىق تۈزۈملىرىنى بىرىنچى تۈركۈمدە يولغا قويدى، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تۈزۈم ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ مەمۇرىيەت مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىتلىق چارىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاشيوللىرى قۇرۇلۇشى بويىچە پاكلىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا <سۈپەتلىك، مەدەنىي، پاك> قۇرۇلۇش قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى بىرلىشىپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى›› نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بەش تۈرلۈك تۈزۈمنىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسىغا پىكىر ئېلىنىپ ۋە تەكلىپ بېرىلىپ بولدى، نازارەت پارتكومى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن تارقىتىلىدۇ.
تاكسى توختىتىش رايونى تەسىس قىلىش مەخسۇس تېما قىلىنىپ ھەل قىلىنىدۇ
مۇخبىر: ئۈرۈمچىدىكى جاڭ ئەپەندى: ئىچكى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن شەھەردە تاكسى توختىتىش رايونى بار، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تاكسىغا ئولتۇرۇشى ناھايىتى قۇلايلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسىلار ئۇدۇل كەلگەن يەردە توختايدۇ، بۇ ھەم ئۇنىڭغا ئولتۇرۇشقا، ھەم ئۇنى باشقۇرۇشقا قۇلايسىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاكسى توختىتىش رايونى تەسىس قىلىنسىكەن، دەپ تەكلىپ بېرىۋاتىدۇ.
ۋاڭ شىنخۇا: تاكسى توختىتىش رايونى تەسىس قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ،ئاممىۋى قاتناش، پىلانلاش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق تارماقلار ۋە ھەق ئېلىش – ئالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.
ھازىر شەھەرلەردىكى ئاساسلىق يول ۋە ئاۋات جايلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش تاختىسى يوق، بۇنىڭ بىلەن تاكسى شوپۇرلىرى پىكاپنى يول ياقىسىدا توختاتسا ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلۇپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تەسىر يەتمەكتە. بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تاكسى توختىتىش رايونى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش – مېڭىش بەلگىسى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى›› نىڭ 3 – باب 25 – ماددىسىدا: شەھەر يوللىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەنئى قىلىنغان يول بۆلەكلىرىدە تاكسى توختىتىش ۋە يولۇچىلارنىڭ تاكسىغا چىقىش – چۈشۈشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق تاكسى توختىتىش بېكىتى (نۇقتىسى) تەسىس قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
شەھەرلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىمۇ تاكسى توختىتىش بېكىتى (نۇقتىسى) تەسىس قىلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇردى، ئەمما بۇ تارماقلارنىڭ ماسلىشىپ ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى مەخسۇس ھەل قىلىش زۆرۈر.
قاتناش باشقۇرۇش تاماقلىرى يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراشنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ
مۇخبىر: ئىلىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھازىر يېزا تاشيوللىرىدا ئىككى يىل بولمايلا چوڭ – كىچىك ئورەكلەر پەيدا بولغان، تاشيولنى ئاسرايدىغان ئادەم يوق ئىكەن. بۇ ئىش كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.
ۋاڭ شىنخۇا: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈلمىسى ئىسلاھات لايىھىسى›› دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش خىزمىتىگە ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى، تاشيول باشقۇرۇش، ئاسراشتىكى ئاساسىي گەۋدە. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈلمىسى ئىسلاھات لايىھىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› دە: يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش پرىنسىپ جەھەتتە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بولىدىغان خىزمەت، جايلار، ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە، يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمەتلەر يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش مەبلىغى غەملەشكە مەسئۇل بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراش جەھەتتە قاتناش نازارىتىمۇ بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، جايلاردىن يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش،مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى يېڭى باشلانغانلىقتىن، بەزى جايلاردا خادىم، راسخوت تېخى ئەمەلىيلەشمىدى، باشقۇرۇش، ئاسراش ئەمەلىيلەشمەسلىك، نورما – ئۆلچەمدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، توشۇشنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش كەمچىل بولۇش، چاك كەتكەن يوللارنى ۋاقتىدا تۈزىمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى يېڭى ياسالغان تاشيوللاردا قاتناش باشلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا مەسىلە كۆرۈلمەكتە.
قاتناش نازارىتى جايلارنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ شۇنداقلا يېزا تاشيوللىرى سۈپەت يىلى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، باشقۇرۇش ۋە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەن ئورۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئون تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى تاماملىنىدۇ
مۇخبىر: شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئوقۇرمەن: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇش كۆلىمى قانچىلىك بولىدۇ؟ دەپ سوراۋاتىدۇ.
ۋاڭ شىنخۇا: 2008 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە قاتناش قۇرۇلۇشىدا 11 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى، ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 985 كىلومېتىر، 1 – دەرىجىلىك تاشيول مۇساپىسى 400 كىلومىتېر، 2 – دەرىجىلىك تاشيول مۇساپىسى 1773 كىلومېتىر، 3 – دەرىجىلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك تاشيول مۇساپىسى 1008 كىلومېتىر؛ يېزا تاشيوللىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 3 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 12 مىڭ 267 كىلومېتىر.
2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئون تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىنى تاماملايدۇ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:G045 لىنىيىسىدىكى كەڭساي – قورغاس پورتى تاشيولى، G218 لىنىيىسىدىكى چىڭسىخوزا – غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، G315 لىنىيىسىدىكى يىتىمبۇلاق – چاقىلىق بۆلىكى تاشيولى، G217 لىنىيىسىدىكى ئالتاي – بۇرچىن، قورۇل – كۇچا، كۇچا – شايار، شايار – ئارال تاشيولى، S303 لىنىيىسىدىكى داخۇاڭشەن – فۇكاڭ بۆلىكى تاشيولى، S111 لىنىيىسىدىكى فۇكاڭ – بۇغدا كۆلى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى – موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تاشيولىدىن ئىبارەت. داۋاملىق ياسىلىۋاتقان ئۈچ لىنىيىدە قاتناش باشلىنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: شەرقىي جۇڭغار رايونى كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ بەلبېغى تاشيولى، G045 لىنىيىسىدىكى قۇمۇل پاسىل بۆلىكى، تىزىچۈەن – قىزىلتاغ ئېغىزى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى.
بۇنىڭدىن سىرت، 11 يېڭى تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت يولى تۈرىدىن ئۈچى، غەربىي رايون يولى تۈرىدىن بىرى، پورت تاشيول تۈرىدىن ئىككىسى، بايلىق تاشيول تۈرىدىن بىرى، ساياھەت تاشيول تۈرىدىن بىرى، باشقا تاشيول تۈرىدىن ئۈچى بار.
|