|
يېقىندا روسىيە ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يازلىق ھەربىي مەشىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يازلىق ھەربىي مەشىق پىلانى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىلا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىياز كېلىشى بىلەنلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى جانلىنىپ كېتەتتى. ياز كىرىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكەت ۋەزىپىسى كۆپىيەتتى. چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلىرى تۆت چوڭ ئوكياننى ئارىلاپ، ھەر خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئارقا – ئارقىدىن سىناق قىلاتتى. ھازىر روسىيىنىڭ بۇ ‹‹ئەنئەنە››گە قايتماقچى بولغانلىقى ھەر قايسى تەرەپنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: بۇ روسىيىنىڭ قىزىل مەيداندىكى پاراتتىن ئۆتۈش ھەرىكىتىگە ئوخشاش، ھەربىي قىسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى يېڭى ۋە كۈچلۈك سىگنال.
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، روسىيە قوراللىق كۈچلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، لېيتېنانت گېنېرال ۋىلادېمىر شامانوۋ: روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ‹‹يازلىق ھەربىي مەشىق پىلانى›› كېيىنكى يېرىم يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، بۇ پىلان 1 – ئىيۇن باشلىنىپ، 1 – دېكابىر ئاياغلىشىدۇ، دېگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىقتە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي مۇز ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى كۈچەيتىلىدىكەن، شىمالىي يۆنىلىش فىلوتىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى كېڭەيتىلىدىكەن.
روسىيىنىڭ ئارمىيە بويىچە ھەربىي مەشىق قىلىشى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسقا بەرگەن كۈچلۈك سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. بۇ روسىيىنىڭ يادرو كۈچى ۋە مۇنتىزم قوراللىق كۈچىنى تەڭپۇڭ، ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس مۇنداق دېدى: روسىيىنىڭ مۇھىم نۇقتىنى غەيرىي مۇنتىزم ھەربىي كۈچلەرگە ئەمەس، بەلكى يادرو قورالى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە قارىتىشى، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئۈنۈملۈك يادرو تەھدىتى ۋە زامانىۋى يادرو تەھدىتىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى››نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ئارمىيىنىڭ قىشلىق مەشىقى ئالدىنقى يىلى 1 – دېكابىر باشلىنىپ، كېيىنكى يىلى 30 – ئاپرېل ئاياغلىشىدۇ، 5 – ئايدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ؛ يازلىق مەشىق 1 – ئىيۇن باشلىنىدۇ.
قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، روسىيە ئارمىيىسى نۇرغۇن ھەربىي تۈردە بۇ يىلقى يازلىق ھەربىي مەشىق مۇددىتىدە 15 يىلدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سانى ئەڭ كۆپ مەشىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى دىۋىزىيە، برىگادا، پولىك، باتاليون كۆلىمىدە 140 قېتىمدىن ئارتۇق تاكتىكا ھەربىي مانېۋىرى، رۇتا كۆلىمىدە 500 قېتىمدىن ئارتۇق راست ئوق ئىشلىتىلىدىغان مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدىن باشقا روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى يەنە 200 قېتىمدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىدىكى قوماندانلىق شتابى مانېۋىرى، ھەر قايسى ھەربىي مەجبۇرىيەت كومىتېتلىرى قاتنىشىدىغان قوماندانلىق شتابى سەپەرۋەرلىك مانېۋىرى، ھەر دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار قاتنىشىدىغان ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزىدىكەن. روسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، گېنېرال پولكوۋنىك زېلئىن يازلىق ھەربىي مەشىق مۇددىتىدە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 200 قېتىمدىن ئارتۇق قوماندانلىق شتابى مانېۋىرى ۋە مەشىقى قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: روسىيىنىڭ يازلىق ھەربىي مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدە دۆلەت كۈچىنىڭ زورىيىشى، ھەربىي خىراجەتنىڭ كۆپەيتىلىشى، ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە كوماندىر – جەڭچىلەر ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان، ئەكسىچە ھاۋانىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇشى، پەسىلنىڭ قانچىلىك ماس كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق چوڭ كۆلەملىك، يۇقىرى تېخنىكىلىق مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈش تەس. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يۈزلىنىش بۇلتۇرلا ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. بۇلتۇر 8 – ئايدا روسىيىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 15 يىل بولغان قەرەللىك كۈرەشچى ئايروپىلان نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇ يىلى 12 – ئايدا دېڭىز ئارمىيە فىلوتى قەرەللىك يىراق ئوكيان چارلاش ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈرلۈك يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە قىزىل مەيداندىكى پاراتتىن ئۆتۈش ھەرىكىتىگە ئوخشاش يازلىق ھەربىي مەشىق ھەرىكىتى روسىيىنىڭ ئارمىيىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا غەربكە كۈچلۈك سىگنال بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|