|
روسىيە دۆلەت دۇماسىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسى ‹‹پارتىيە ئەزالىرىنى تازىلاش›› خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلدى. روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 11 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بۇ پارتىيىنىڭ ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى گلىزلوۋنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسىنىڭ كادىرلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى مۇشۇ ئايدا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ پارتىيىدىكى 2 مىليون پارتىيە ئەزاسىنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭى پارتىيىدىن چىقىرىلىدۇ، بۇ ئومۇمىي ئەزالار سانىنىڭ تەخمىنەن %1.5ىنى ئىگىلەيدۇ. ‹‹بۇ سان چوقۇم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ››.
گلىزلوۋ: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسىگە كىرىش مودىغا ئايلاندى. چۈنكى بىر قىسىم كىشىلەر پەقەت بۇ پارتىيىگە كىرسەكلا، ئۆسۈش جەريانىدا ئېتىبارغا ئېرىشەلەيمىز، دەپ ئويلايدۇ. پارتىيىمىز چوقۇم بۇ خىل ھايانكەشلەر بىلەن كۈرەش قىلىدۇ، دېدى. روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋالوبۇيېۋنىڭ ئېيتىشىچە، ‹‹پارتىيىگە كىرىش ئۆلچىمى››نى قايتىدىن تۈزۈپ، كەلگۈسىدە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە كىشىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. ئەگەر يەرلىك تارماقلار يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئۆتكەلنى چىڭ تۇتمىسا، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن. گلىزلوۋ: بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ پارتىيىمىز نۇرغۇن ئەزاسىنى پارتىيىدىن چىقارغان، دېدى.
روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پۇتىن 4 – ئايدا: پارتىيە ئىچىدە چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تېخىمۇ ئېچىۋېتىش، بيۇروكراتلىقتىن تامامەن خالىي بولۇش ھەم سىياسىي ھايانكەشلەرنى تازىلاش كېرەك. روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسى ياشلار، زىيالىيلار، كارخانىچىلار، ئىشچىلار ۋە يېزا ئەمگەكچىلىرى ئارىسىدا خىزمەت ئىشلىشى كېرەك، دېگەنىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|